باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

ئۇنتۇلماس بىر كۈن

ئالمىرە ئاتىجان

      2010 – يىلى 8 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىق ئىدى. ئاپام بىلەن دادام ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان مومامغا مېنى قارىتىپ سودىلىق ئۈچۈن بازارغا كىرىپ كەتتى. مەن پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ تېلېۋىزور كۆرۈشكە باشلىدىم. قېرىشقاندەك مومام بىردەم – بىردەم مېنى يېنىغا چاقىرىپ پەقەتلا ئارامىمنى قويمىدى. ئامالسىز مومامنىڭ يېنىغا كېلىپ ياتتىم. مومام ئاغرىق بولغاچقا چۆچەك، ھېكايىلەرنى ئوقۇيالمايتتى. چاي، دورا ئىچكەن ۋاقىتلىرىدىن باشقا ۋاقىتتا كۆزىنى يۇمۇپ ياتاتتى.

      ئىشىك ئاستا ئېچىلىپ دوستۇم شەمشىنۇر كىرىپ كەلدى.

      – ئاداش، مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى يىغىلدى. يۇلغۇنلۇققا بېرىپ ئوينايدىكەنمىز، سېنى چاقىرغىلى كەلدىم، – دېدى ئۇ.

      – مومامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسام بولمايدۇ، دادام – ئاپاملار تېخى كەلمىدى، – دېدىم.

      – مەيلى ئەمىسە، بارمىساڭ بارما، لېكىن بۈگۈنكى ئويۇنىمىز بەكلا قىزىق ئىدى.

      مەن ئويۇنغا قىزىقىپ ئۇلار بىلەن بىللە بارماقچى بولدۇم. مومامنىڭ يېنىغا چاي، نان، مېۋىلەرنى تىزىۋەتتىم. ئەمما، ئۇنىڭ دورىسى بېشىمنى قاتۇردى. چۈنكى، ئۇ تېخى چۈشلۈك ھەم كەچلىك دورىسىنى ئىچمىگەنىدى.

      ئاخىرى بىر ئەقىل تاپتىم. بەش تالدىن ئىككى ۋاخ ئىچىدىغان دورىنى مومامغا بىر قېتىمدىلا ئىچكۈزۈۋەتتىم. مومام باشتا دېلىغۇل بولغان بولسىمۇ مېنىڭ ‹‹مۇئەللىم جىددىي ئەھۋالدا دورىلارنى قوشۇپ ئىچىۋەتسەڭلار بولىدۇ دېگەنىدى›› دېگەن يالغان گېپىمگە ئىشىنىپ ئارتۇق گەپ قىلمىدى. مومامغا مەكتەپكە جىددىي بېرىپ كېلىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتىم.

      كەچكىچە بالىلار بىلەن يۇلغۇنلۇقتا تازا قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئوينىدىم. ئۆيگە قايتىپ كەلسەم ئۆيدىكىلەر يوق. بەخرامان تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرسام دادام قايتىپ كەلدى.

      – ئاپام، موماملارچۇ؟ – دەپ سورىدىممەن.

      – موماڭ دورىنى كۆپ يەۋاپتۇ. ئاپاڭ دوختۇرخانىدا موماڭغا قاراۋاتىدۇ، – دېدى دادام.

      بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈرىكىم ‹‹قارت›› قىلىپ قالدى. يىغلاپ تۇرۇپ بولغان ئىشنى دادامغا سۆزلەپ بەردىم. دادام مېنى بىرمۇنچە تەنقىدلىگەن، مومام خەتەردىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ خېلى ۋاقىتلارغىچە بىئارام بولۇپ يۈردۈم. دادامغا ئىككىنچى يالغان سۆزلىمەسلىككە ۋەدە بەردىم.

(ئاپتور ئاتۇش شەھىرى ئاغۇ بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 8 – يىللىق 1 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر