باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

تۇر قانداق خەۋەر بېرىدۇ

      ئەگەر سىز بېيجىڭدىكى بادالىڭ سەددىچىن سېپىلىغا بارغان بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان قاتار – قاتار، ھەيۋەتلىك تۇرلارنى كۆرگەنسىز. مەملىكىتىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرلىرىدە كىشىلەر، مۇشۇنداق تۇرلار ئارقىلىق خەۋەر يەتكۈزۈشكەن.

      مەملىكىتىمىزنىڭ جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە، يەنى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1000 ـ يىللىرى ئەتراپىدىلا تۇر ئارقىلىق خەۋەر يەتكۈزۈش باشلانغان. ئەينى چاغدا، جۇ سۇلالىسى شەرقتىكى قوشنىسى رۇڭ – دىلارنىڭ ھۇجۇمىنى تۇسۇش ئۈچۈن، چېگرا ئەتراپلىرىغا نۇرغۇن تۇرلارنى ياساپ، دۈشمەن ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ‹‹دوكلات قىلىش›› ئۈچۈن پايدىلانغان.

      تۇر تاشتىن ياسالغان كىۋادرات شەكىللىك سۇپا بولۇپ، يەر يۈزىدىن تەخمىنەن يەتتە مېتىر ئەتراپىدا كۆتۈرۈلۈپ سېلىنىدۇ. ئىككى تۇرنىڭ ئارىلىقى 2000 مېتىردىن كۆپرەك كېلىدۇ. بىر تۇرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ يەنە بىر تۇرنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئادەتتە سۇپا ئۈستىگە ئوت – چۆپ ۋە ھايۋانلارنىڭ گەندىلىرى دۆۋىلىنىپ، چېرىكلەر كېچە – كۈندۈز مۇھاپىزەتتە تۇرىدۇ. دۈشمەن ئەھۋالى بايقالغاندەك بولسا، كېچىدە چۆپلەرگە ئوت تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق مەشئەل ھاسىل قىلىنىدۇ؛ كۈندۈزدە ھايۋان گەنسىدى تۇتاشتۇرۇلۇپ، قويۇق ئىس – تۈتەك پەيدا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭغا يېقىن بولغان تۈردىكىلەر بۇنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەرنىڭ خەۋىرى ناھايىتى تېزلا تۇرلار ئارقىلىق ئىنتايىن يىراقلارغا يەتكۈزۈلىدۇ.

      تۇر بىلەن خەۋەر يەتكۈزۈش ئات بىلەن خەۋەر يەتكۈزۈشكە قارىغاندا كۆپ تېز. تۇر قەدىمكى دەۋرلەردىكى ئەڭ تېز ئالاقىلىشىش قورالى بولۇپ، ‹‹ئۇچقۇن تېلېگرامما›› دەپ ئاتالغان.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مېھراي