ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار يېقىندا ئوتتۇرا ياشلىق 579 ئادەمنى ئۈچ يىل تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ بۇ ياشتىكى كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنى تېز قېرىتىۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
تەتقىقاتچىلار بۇ ئەھۋالنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇنداق دېيىشتى: يۇقىرى قان بېسىمى ئارتېرىيە تومۇرىنى قاتۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى ۋە مېڭىنىڭ ئوكسېگىن ھەمدە ئوزۇقلۇققا ئېرىشىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.