باش بەت | چولپانلار

دىلارە ئابدۇشۈكۈر

      دىلارە ئابدۇشۈكۈر، 1982 - يىلى 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان.

      باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ھەر خىل ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ۋە ھەر قېتىملىق ئۆسمۈرلەر كېچىلىكلىرىدە ‹‹ناۋا مۇقامى››، ‹‹سۈزۈك سۇ››، ‹‹چېچەكلەر››، ‹‹ئەتتىرگۈل››، ‹‹تارىم غۇنچىلىرى›› قاتارلىق بالىلار ناخشىلىرىنى ئورۇنداپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن.

      2000 - يىلى 14 - ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى كىنو - تېلىۋىزىيە تىياتىر فاكولتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 

      تەييارلىق فاكولتېتقا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ‹‹دانشىمەن نەسىردىن ئەپەندى››، ‹‹ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشماڭ››، ‹‹قايتىلانغان سۆيگۈ›› قاتارلىق فېلىملاردا رول ئالغان.

      2004 - يىلى ‹‹شېرىنجان›› ناملىق VCD پىلاستىنكىسى بازارغا سېلىنغان.

      ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىدا ئاۋاز ئاكتىيورى خىزمىتىنى قىلىۋاتىدۇ.

 

مەنبە: باس - باس تورى تەھرىر: ئاينۇر