باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

‹‹كۆز بىقىشىش›› ئويۇنى

      كۆز ــــ قەلب دېرىزىسى. ئىنسان يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرۇنغان قەلب سىرلىرىنى كۆزى ئارقىلىق ئاشكارىلايدۇ.

      ‹‹كۆز بېقىشىش›› ئويۇنى قىز ــ ئوغۇللارنىڭ ئوينىشىغا، يىلنىڭ ھەر قايسى پەسىللىرىدە، ھەرقانداق ئورۇندا ئويناشقا باب كېلىدۇ. ئويۇنغا قاتنىشىدىغان سان جەھەتتىن چەكلەنمەيدۇ، بالىلار ئىككدىن كۆپ بولسىلا، بۇ ئويۇننى ئويناۋېرىدۇ.

      ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار ئاۋۋال ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىككىدىن گۇرۇپپىلارغا بۆلىنىدۇ، ئاندىن 1.5 ـــ 2 مېتىر ئارىلىق تاشلاپ بىر ــ بىرىگە قاراپ تۈز تۇرىدۇ. ئويۇننىڭ شۇ قېتىم قانچە مەيدان ئوينىلىدىغانلىقى بېكىتىلگەندىن كېيىن، بالىلار ئۆزئارا ‹‹باشلاندى›› دېيىشىپ، كۆزلىرىنى بىلەن بىر ــ بىرىگە تىكىدۇ. شەرت شۇكى، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە. ئىككى بالا ئىككى قولىنى ئىككى يىنىغا ساڭگىلىتىپ، ئىككى پۇتىنى جۈپلەپ راۋۇرۇس تۇرۇشى، پۇت ــ قولىنى قالايمىقان ھەرىكەتلەندۈرۈپ ياكى ئېغىز ــ كۆزلىرىنى غەلىتە ھالەتكە كەلتۈرۈپ قارشى تەرەپنىڭ دىققىتىنى بۇزماسلىقى، بىر ــ بىرىنى قەستەن كىرپىك قېقىشقا مەجبۇرىلىماسلىقى، بىر ــ بىرىنىڭ كۆزىگە غەلىتە قارىماسلىقى، قارشى تەرەپنى قەستەن گەپ قىلىشقا ياكى ئۇيەر، بۇيەرگە قاراشقا زورلاپ ‹‹يېڭىۋېلىش›› غەرىزىدە بولماسلىقى، بىر ــ بىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئوبدان كۆزىتىپ بەلگىلەنگەن ۋاقىت توشقىچە راۋۇرۇس تۇرۇشى لازىم.

      بىر گۇرۇپپىدىكى ئىككى بالا ئويۇننىڭ بىشىدا شۇ كۈنلۈك ئويۇن ۋاقتى، يېڭىلگۈچىگە بىرىلىدىغان ‹‹جازا›› قاتارلىقلارنى ئېنىق بېكىتىۋېلىپ، ئاندىن رەسمىي مەيدانغا چۈشىدۇ. بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە قايسى بالا كۆزىنى قاچۇرسا، يۇمۇۋالسا ياكى مىتىلداتسا شۇ يېڭىلگەن سانىلىدۇ. بىرىنچى قېتىمدا ئۆز گۇرۇپپىسىدا يەڭگەن بالا باشقا گۇرۇپپىلاردىكى يەڭگۈچىلەر بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. ئاخىرىدا شۇ كۈنلۈك ئويۇنغا قاتناشقان بالىلار ئىچىدە پەقەت بىرسىلا ‹‹چېمپىيون››لىققا تاللىنىپ مۇكاپاتلىنىدۇ. بۇ ئويۇن ئادەتتە ‹‹كۆز بېقىشىش›› ئويۇنى دېيىلگەچكە، ‹‹قاچتى ــ ئۇنىڭ كۆزى قاچتى››، ‹‹قاچۇردى ــــ ئۇ كۆزىنى قاچۇردى›› دېگەنگە ئوخشاش خاس ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

      بالىلار بۇ ئويۇن ئارقىلىق قەيسەرلىك، جاسارەت، كۈچلۈك روھ، ئىشەنچ يېتىلدۈرىدۇ.

 

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى تەھرىر: ئىلمىنۇر