باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

خانقىز

(چۆچەك)

پەزىلەت روزى

      1. بۇرۇن بۈك – باراقسان ئورمانلىقتا جاھاندىكى ئۇچار – قانات، جان – جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن. ئۇلار بىر – بىرىگە خۇددى قېرىندىشىدەك كۆيۈنىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئورمانلىققا بىر چىشى دېۋە پادىشاھ بولۇۋاپتۇ. ئۇنىڭ بوي – بەستى يوغان، زالىملىقتا ئۇچىغا چىققان، باغرى تاشتىن قاتتىق، نىيىتى زەھەردىن ئاچچىق ئىكەن. كۆزىگە چېلىققان ھەرقانداق جانلىق ئامان قالمايدىكەن.

      2. كۈنلەر، ئايلار ئۆتۈپ دېۋە ئۇچرىغانلا ھايۋانلارنى يەپ تۈگىتىپتۇ. ھايۋانلارنىڭ ئاھۇ زارى پەلەككە يېتىپتۇ. ‹‹يېتىپ يېسە تاغمۇ توشۇماپتۇ›› دېگەندەك ئاخىر ئورمانلىقتا بىرەر چاشقانمۇ قالماپتۇ. ئاچلىقتىن دېۋىنىڭ قورساقلىرى چاپلىشىپ كېتىپتۇ.

      3. ئۇ باشقا جايلاردىن ئوزۇق ئىزدىمەكچى بوپتۇ. مېڭىۋېرىپ ماغدۇرى قالمىغاندا بۈككىدە قوناقلىققا كېلىپ قاپتۇ. ‹‹قوناق بولسىمۇ يەپ باقايچۇ!›› دەپ ئويلاپ ئۈزمەكچى بولغانىكەن قاتتق بىر توقماق تېگىپ ئاغرىق دەستىدىن چىرقىراپ كېتىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا ئۇنى ئۇرغان ‹‹ئۇر توقماق›› چۆچىكىدىكى ھېلىقى بوۋاي ئىكەن.

      4. دېۋە بوۋاينى يېمەكچى بولغانىكەن بوۋاي توقماق بىلەن يەنە بىرنى ساپتۇ. بوۋاي دېۋىنى يەتتە توقماق ئۇرۇپتۇ. ھەر بىر توقماق تەگكەندە دېۋە بىر غۇلاچ پاكارلاپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دېۋە بوۋايغا يىغلاپ – يالۋۇرۇپ ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئورمانلىققا خان بولغانلىقىنى، ھەممە جان – جانىۋارلارنى تۇتۇپ يەپ يېگۈدەك نەرسە قالمىغاندا ئوزۇق ئىزدەپ مۇشۇ جايغا كېلىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ.

      5. بۇنى ئاڭلىغان بوۋاي دېۋىنىڭ قانخورلۇقىغا قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ. بۇ چاغدا دېۋە كىچىكلەپ قوناق دانىسىچىلىكلا قالغانىكەن. ئۇنىڭغا قاراپ بوۋاينىڭ ئىچى ئاغرىپ قاپتۇ. ‹‹ئېچىل داسىتخان››نى ئېچىپ ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ دېۋە تاماقنى يېگىلى ئۇنىماپتۇ. بوۋايغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىرەر ئىش قىلىپ بەرمەكچى بوپتۇ.

      6. بوۋاي دېۋىگە: ‹‹بۇ يىل قوناقلىقتا كۆك پىت كۆپىيىپ بىزگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈردى. ئاشۇ كۆك پىتلارنى يېسەڭ ئۆزۈڭنىڭمۇ قورسىقىڭ تويىدۇ، بىزگىمۇ ياردەم قىلغان بولىسەن›› دەپتىكەن دېۋە دەرھال ماقۇل بوپتۇ. بوۋاي دېۋىگە ‹‹خانقىز›› دەپ ئىسىم قويۇپتۇ. خانقىز شۇنىڭدىن باشلاپ كۆك پىت يەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ دۈمبىسىدىكى يەتتە تال چېكىت بوۋاينىڭ توقمىقىنىڭ ئىزى ئىكەن.

(ئاپتور كۇچا ناھىيەلىك 6 – ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 3 – يىللىق 2 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر