باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

ئىلىمخۇمار دىلخۇمار

ئابدۇكېرىم ئابدۇرېھىم

      غۇلجا ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ 9 – يىللىق 1 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى دىلخۇمار ئابدۇشۈكۈر مەكتەپكە كىرگەندىن بۇيان كۈندىلىك دەرسلەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىشتىن سىرت مۇزىكا چېلىش، ئۇسسۇل ئويناش، ‹‹قوش تىل››دا رىياسەتچىلىك قىلىش، كىنو – تېلېۋىزوردا رول ئېلىش قاتارلىق جەھەتتە ماھارەت يېتىلدۈرۈپ كۆپ قېتىم مەكتەپ، ناھىيە ۋە ئوبلاست بويىچە ‹‹كىچىك رىياسەتچى››، ‹‹‹قوش تىل›دا نۇتۇق سۆزلەش ماھىرى››، ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ كادىرى›› بۇلۇپ تەقدىرلەندى.

     دىلخۇمار كىچىكىدىن تارتىپلا جانلىق، جۈرئەتلىك، تىرىشچان بولۇپ 1 – يىللىقتىلا پىيونېر ھەم ئۆگىنىش باشلىقى بولۇپ سايلاندى. بوش ۋاقىتلىرىنى مۇزىكا، ئۇسسۇل، خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش بىلەن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزدى. ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەردى. ئۇ 2011 – يىلى 5 – ئايدا غۇلجا ناھىيەسى بەشكۆۋرۈك مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇغېنىنىڭ توك سوقۇۋېتىپ ئىقتىساتتا قىينىلىپ قالغانلىقىنى بىلىپ، جېلىليۈزى چوڭ كوچىسى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا ھەر ساھە كىشىلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ ئۈچ كۈن ئىچىدە 15مىڭ يۈەن ئىئانە توپلاپ مەكتەپ تەشكىلىي ئارقىلىق ئابدۇغېنىگە يەتكۈزۈپ بەردى.

     ئۇ بۇ يىل ناھىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹قوش تىل››دا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە 2 – لىككە ئېرىشكەندىن سىرت ‹‹مۇنەۋۋەر رىياسەتچى›› بولۇپ تەقدىرلەندى.

سۈرەتتە: دىلخۇمار (ئوڭدا) مۇزىكا ئۆگەنمەكتە.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر