باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

دېلفىن ئارقىلىق جاراھەت داۋالاش

      دېلفىن يارىلانسا ئادەمگە ئوخشاش كۆپ تاتۇق قالمايدۇ، جاراھەتلەنگەن ئورۇنمۇ بەك ئاغرىپ كەتمەيدۇ. دېلفىننىڭ قان ئايلىنىش سۈرئىتى ئادەمنىڭكىدىن تېز، ئەمما قانسىراش ياكى يارا ئېغىزى يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئالىملارنىڭ بايقىشىچە بۇ دېلفىندا كىت يېغى (دېلفىننىڭ قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋاننىڭكىدەك تېرىسى ياكى بېلىققا ئوخشاش قاسرىقى بولمايدۇ، تېرىسىنىڭ ئاستىدا بەدىنىنى ئىسسىق ساقلايدىغان بىر قەۋەت ماي بولۇپ كىت يېغى دەپ ئاتىلىدۇ) بولغانلىقىدىن ئىكەن.

      ناۋادا دېلفىن يارىلانسا، لەھەڭ چىشلىۋالسا يارا ئەتراپىدىكى كىت يېغى جاراھەتنى يېپىپ قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. 24 سائەت ئىچىدە دانىچىسىمان توقۇلما شەكىللىنىپ يارا ئېغىزىنى تولدۇرىدۇ.

      بۇنىڭدىن كىت يېغىنىڭ يارىلانغان تېرىنى داۋالاشقا ياردىمى بارلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. كەلگۈسىدە دېلفىن ئارقىلىق جاراھەت داۋالاش ياخشى ئۇسۇل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر