باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

يۈرەك ساغلاملىقىغا پايدىلىق مېۋە شاھى ـ ھالۋابىدىت

      ھالۋابىدىتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغاندىن باشقا يەنە ئىنتايىن ياخشى شىپالىق رولى بار، ھالۋابىدىتتا پېكتىن ئىنتايىن مول، ئۇ بىر خىل سۇدا ئېرىشچان يېمەكلىك تالاسى بولۇپ، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇپ، قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ. ھالۋابىدىتتىكى فلاۋون ۋە تاننىن ماددىسى قان بېسىمىنى چۈشۈرۈپ، قان تومۇرنى يۇمشىتىپ، قان تومۇر ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

      ھالۋابىدىتنىڭ پايدىلىق رولى زور بولسىمۇ، ھەممە ئادەمنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتا ئاسانلا تۆمۈر ماددىسى بىلەن بىرىكىۋېلىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ تۆمۈر ماددىسىنى سۈمۈرۈشىگە ۋە پايدىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، شۇڭا قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ھالۋابىدىتنى ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك. تاننىك كىسلاتاسى ئاشقازان كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار يېسە بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھالۋابىدىتنىڭ تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى ئادەتتىكى مېۋە - چېۋىلەرنىڭكىدىن بىر، ئىككى ھەسسە يۇقىرى، شۇڭا دىيابېت ئاغرىلىقلىرىمۇ ئامال بار ئاز يېيىشى كېرەك.

      ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھالۋابىدىتنى ئاچ قورساق ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، بىر قېتىمدىلا بەك كۆپ يېيىشكىمۇ بولمايدۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي