باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

ئېسل ئادەم

سوفىيە

      ھايات ئىنسان ئۈچۈن تولىمۇ قىسقا. دوستۇمنىڭ دادىسىنىڭ تۆنۈگۈنلا بىزگە مۇلايىملىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ قارىغانلىقى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. مانا بۈگۈن ئۇنىڭ قاتناش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ بەكمۇ ئازابلاندىم. ئۇ مېنى ئۆز قىزىدەك قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتى. ئۇ قىزىغىمۇ، ماڭىمۇ بەكلا تەلەپچان ئىدى. بىكار بولسىلا بىزنى كىتابخانىغا، كەڭ تەبىئەت قوينىغا ئېلىپ باراتتى. مەن ئۇنىڭ پەرزەنت ئۈچۈن شامدەك كۆيۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتىم. دوستۇمغا ھەۋەس قىلاتتىم. قاچانلا قارىسا خىزمەت بىلەن ئالدىراش يۈرىدىغان دادامغا قاراپ ‹‹مېنىڭ داداممۇ ئۇنىڭدەك بولسا – ھە!›› دەپ ئويلاپ قالاتتىم.

      مانا بۈگۈن ئۇ ئېسىل دادىغا كۆز تەگكەندەك يېنىمىزدىن ۋاقىتسىز كېتىپ قالدى. ئۇنىڭ كېتىشى مېنىلا ئەمەس، مەھەللىدىكى ھەممەيلەننى بەكلا ئازابلىدى. مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ‹‹ئېسىل ئادىمىمىزدىن ئايرىلدۇق›› دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم. دېمەك ئېسىل ئادەم باشقىلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدىكەن. مەنمۇ كەلگۈسىدە ئۇنىڭدەك ئېسل ئادەم بولۇشقا نىيەت قىلدىم.

(ئاپتور مۇڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك ئاقىللار مەكتىپى تولۇقسىز 7 – يىللىق 2 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر