باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

بىر كىتاب – بىر ئالەم

      تارىخقا نەزەر تاشلىساق ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزگەن، ئىشلىرىدا ئۇتۇق قازانغان، جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشقان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىدىغانلىقىنى، ياخشى كىتابقا ئامراقلىقىنى بىلىمىز. كۇڭزى كىتابنى دوست تۇتقاچقا پەم – پاراسەتلىك بولۇپ يېتىشىپ چىققان، ماۋ زېدۇڭ توپ – توپ كىتابلارنى ئوقۇغاچقا تالانت ئىگىسىگە ئايلانغان، گوركىي: ‹‹ئاچ قالغان ئادەم كىتاب ئۈستىدە ياتسا خۇددى بولكىنىڭ ئۈستىدە ياتقاندەك بولىدۇ›› دېگەن، شېكسىپىر: ‹‹كىتاب پۈتۈن دۇنيانىڭ ئوزۇقى، ھاياتلىقتا كىتابنىڭ بولماسلىقى قۇياشنىڭ بولماسلىقى بىلەن باراۋەر›› دېگەن. ساۋاقداشلار، سىلەر كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرەمسىلەر؟

      ياخشى كىتاب بىلىم دائىرىمىزنى كېڭەيتىدۇ، ئىدىيەمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ياخشى كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن ناچار كىتابتىن يىراق تۇرۇش كېرەك. ھازىر كىتاب بازىرىمىزدا ياخشى – ناچار ئارىلىشىپ كەتتى، ھەر يىلى نەشر قىلىنىۋاتقان كىتابلار ساناقسىز. خۇددى دېھقان ئۆزىگە ئەڭ كېرەكلىك ئەمگەك قورالىنى تاللىۋالغاندەك كىتاب دېڭىزىدىن ئاۋۋال قىممىتى بار كىتابلارنى تاللاپ ئوقۇساق ئاندىن نەپ ئالالايمىز.

      ياخشى كىتاب يېقىن دوستىمىز، ئىلگىرىلەشتىكى شوتىمىز. ياخشى كىتاب نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىدۇ، بىر كىتاب بىر ئالەم، بىز ھەربىر كىتابتىن ئائىلىدىكى ئىشلاردىن تارتىپ دۆلەتنىڭ، دۇنيانىڭ ئىشلىرىغىچە خەۋەردار بولىمىز. ياخشى كىتاب مىجەزنى تاۋلايدۇ، كىتابنى ئوقۇغانسېرى كىشىلەرنىڭ بىلىدىغانلىرى كۆپىيىپ ئۆزىنى تاكاموللاشتۇرىدۇ. ياخشى كىتاب روھنى ساپلاشتۇرىدۇ، شەخسىيەتچىلىكنى بارا – بارا تۈگىتىپ كىشىلەرنىڭ قەلبىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ.

      ساۋاقداشلار، كىتابنى دوست تۇتايلى، ھەقىقىي كىتابخۇمار بولايلى، كىتاب ئوقۇپ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلەيلى!

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر