ئاساسلىق ماتېرىيالى: ئۇن، كۈدە، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، پىنتوزا، تۇخۇم، ھۆل كىراخمال، تۇز ، زىرە، قارامۇچ، ئاقمۇچ قاتالىقلار.
تەييارلاش ئۇسۇلى: ماتېرىياللارنى يۇيۇپ تەييارلايمىز، ئاندىن ئۇششاق توغرايمىز. تۇخۇمنى ياغدا پۇشۇرىمىز، ئاندىن ئۇششاق توغرايمىز. خېمىرنى چوقۇم پېتىر قىلىپ يۇغۇرىمىز. مۇۋاپىق ئۈزۈپ جىلتە ئاچىمىز. توغرالغان ماتېرىياللارنىڭ تەمىنى تېتىپ تەملەندۇرىمىز، ئاندىن تۈگىمىز. 2 بارماق شەكىلدە بولسا بولىدۇ. خېمىرنىڭ ياخشى چاپلىشىشى ئۈچۈن ھۆل كىراخمال بىلەن ھۆللەيمىز. تۈگۈپ بولغان تۈرمەلنى تەخسىگە تىزىمىز.
پۇشۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا ماي قۇيۇپ پەس ئوتتا بىر-بىرلەپ داغلاپ پۇشۇرۇپ ئېلىپ، زىرە، قارامۇچ، ئاقمۇچنى سېپىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.