باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

مائۇس نېمە ئۈچۈن....

      مائۇس 1983 – يىلى ئىجاد قىلىنغان. مائۇسنى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ قولىمىز بىلەن مائۇسنى بېسىپ تۇرۇپ تەكشى ئۈستەل يۈزىدە ھەرىكەتلەندۈرسەك ئېكراندىكى نۇر بەلگىسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تېز سۈرئەتتە يۆتكىلىدۇ. مائۇسنىڭ ئۈستىدىكى كۇنۇپكىنى بېسىپ ئېكراندىكى ھۆججەت بەلگىسىنى ياكى بۇيرۇق تىزىملىكىنى چەكسەك كومپيۇتېر شۇ بەلگە ۋەكىللىك قىلغان ھۆججەتنى ئېچىپ بېرىدۇ ياكى شۇنىڭغا ماس بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىدۇ.

        مائۇس نېمە ئۈچۈن كومپيۇتېرغا ئۇچۇر كىرگۈزەلەيدۇ؟ مائۇسنىڭ ئاستىنقى يۈزىدە بىر يۇمىلاق كىچىك تۆشۈك بولۇپ ئىچىگە شارچە ئورنىتىلغان. مائۇس تەكشى يۈزدە يۆتكەلگەندە كاۋچۇك شارچە دومىلاپ بىر ئوقنى ئالدى – كەينىگە، يەنە بىر ئوقنى ئوڭ – سولغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ چاغدا مائۇس ئىچىدىكى سېنزور ئىككى ئوقنىڭ ئايلىنىش ئۇچۇرىنى سىگنال كابېلى ئارقىلىق كومپيۇتېرغا يەتكۈزىدۇ، ئاندىن كومپيۇتېر ئېكرانىدىكى نۇر بەلگىسىنىڭ يۆتكىلىشىگە «قوماندانلىق» قىلىدۇ. مائۇسنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى كۇنۇپكا توك يولى ۋىكليۇچاتېلى بولۇپ بىر باسقاندا توك يولىغا ئۇلىنىپ كومپيۇتېر سىگنال قوبۇل قىلىدۇ – دە سىگنالغا ئاساسەن مەشغۇلات قىلىدۇ.

      مائۇس نۇرغۇنلىغان مۇرەككەپ كونترول قىلىش ھەرىكىتىنى ئورۇندىيالايدۇ. مەسىلەن، ئېكراندىكى سىن بەلگىلەرنى يۆتكەپ مۇۋاپىق ئورۇنغا قويالايدۇ. مائۇس بىلەن كۇنۇپكا تاختىسى بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان بولۇپ كومپيۇتېرنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسىدۇر.

      مائۇس ئېللىپس شەكىللىك كىچىك قۇتىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا بىر قۇيرۇق – سىگنال كابېلى ئۇلانغان بولغاچقا پۈتۈن ھالىتى چاشقانغا ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇڭا، «مائۇس» دېگەن بۇ سۆز ئىنگلىز تىلىدىكى «چاشقان» دېگەن سۆزدىن كەلگەن.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر