باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

بىرەر يېرى كۆيۈپ قالغاندا...

      ئاۋۋال كۆيگەن يەرنى سوغۇق سۇغا چىلاش ياكى شۇ يەرگە تۇرۇبا سۈيى ئېقىتىش لازىم. ئاندىن ئېھتىيات بىلەن يارىلانغۇچىنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۇپ ياكى كېسىۋېتىپ شۇ ئورۇنغا كۆيۈك پاستىسىنى سۈرتۈش كېرەك. كۆيگەن ئورۇننى تېڭىپ قويۇشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆرلەپ چىققان سۇلۇق قاپارتمىنىڭ سۈيىنى سىقىپ چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر يارىلانغۇچىنىڭ كۆيگەن يېرى پۈتۈن بەدەننىڭ %10ىدىن يۇقىرى بولغاندا دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىتىش ھەم ئۇنىڭ تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. كۆيۈپ يارىلانغۇچىغا سۇ ئىچكۈزۈشكە بولمايدۇ. كۆيۈك يارىسىغا گېنتىئان ئېرىتمىسى، ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى ياكى جياڭيۇ سۈرتۈشكىمۇ بولمايدۇ. بالىلارنىڭ پوجازڭزا ئېتىپ ئويناپ ئۆزىنى يارىلاندۇرۇۋېلىشى كۆيۈك يارىسىغا تەۋە. ئيلارنى كۆيۈكنى جىددىي داۋالاش ئۇسۇلى بويىچە جىددىي قۇتقۇزسا بولىدۇ. يارىلانغان جاينى تۇرۇبا سۈيىنى چوڭ ئېچىپ 15 مىنۇت ئەتراپىدا ئېقىتسا بولىدۇ.

                

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي