باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

قۇشلار يىقىلىپ چۈشمەيدۇ

(ئىلمىي چۆچەك)

ئادىل ئابدۇراخمان

      گۇگۇم چۈشۈپ بارلىق جان – جانىۋارلار ئۇۋىسىغا كىرىپ كېتىپ ئەتراپ تىمتاسلىققا چۆمۈپتۇ. كۈندۈزى ئۇيقۇسىنى تازا قاندۇرۇۋالغان ئاسلانجان چاشقان تۇتقىلى سىرتقا چىقىپتۇ – دە ئەتراپتىكى شەپىنى تىڭتىڭلاپ، دەرەخ تۈۋىدە تىۋىش چىقارماي قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ ئولتۇرۈپتۇ.

      بىر چاغدا دەرەخ شېخىدىن شىلدىرلىغان ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. ئاسلانجان بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىتتىك ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپتۇ. ئۇنىڭ ئۆتكۈز كۆزلىرى قويۇق يوپۇرماقلىق دەرەخ شاخلىرىدا قاتار تىزىلىشىپ ئولتۇرغان قۇشقاچلارغا چۈشۈپتۇ.

      — ئۇخلىماي نېمىش قىلىپ ئولتۇرىسىلەر؟ ئاسلانجان قۇشقاچلارغا قاراپ كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپتۇ.

      — ھاۋا تىنجىق بولغاچقا ئۇۋىمىزغا كىرمىدۇق، بۇ يەردە سالقىنىدىغاچ ئۇخلىغىلى چىققان، — دەپتۇ ئانا قۇشقاچ ئاسلانجانغا.

      — دەرەخ شېخىدا ئۇخلىساڭلار يىقىلىپ چۈشمەمسىلەر، ئۇ يەردە قانداقمۇ خاتىرجەم ئۇخلىغىلى بولسۇن؟ ئۇۋاڭلارغا كىرىپ پۇت – قولۇڭلارنى سۇنۇپ، ئارامخۇدا يېتىپ ئۇخلاڭلار!— دەپتۇ ئاسلانجان.

      — خاتىرجەم بول، ئاسلانجان، بىز قۇشقاچلارنىڭ دەرەخ شېخىدا ئوخلىغاندا يىقىلىپ كەتمەيدىغانلىقىمىزنى بىلمەيدىكەنسەن – دە! قۇشقاچ خاتىرجەملىك بىلەن كۈلۈپ قويۇپتۇ.

      — ياق، بىلمەيدىكەنمەن، — دەپتۇ ئاسلانجان ھەيرانلىق بىلەن.

      — بىز قۇشقاچلارنىڭ پۇت پەنجىمىز بۇدرە بولغاچقا تەبىئىي ھالدا دەرەخ شېخىغا مەھكەم قونۇۋالىمىز. قۇشلار پۇتىنىڭ بۇدرە پەيلىرى ئوشۇق ئۈگىسىنىڭ كەينى بىلەن تۇتاش بولغاچقا قونغان ھامان پۈتۈن بەدىنىنىڭ ئېغىرلىقى ئوشۇق ئۈگىسىگە چۈشۈپ پۇتىنىڭ پەيلىرى بارماقلىرىنى چىڭ تارتىپ بۇدرە ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ – دە دەرەخ شېخى ۋە قونداقلارنى چىڭ قىسىۋالىدۇ. شۇڭا، بىز دەرەخ شېخىدا ئۇخلىغاندا يىقىلىپ چۈشمەيمىز.

      — ۋاھ، سىلەر ئۇچار – قاناتلار ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەنسىلەر! شۇ ئەسنادا تام تۈۋىدىكى ئوت – چۆپلەر ئارىسىدىن شىلدىرلىغان ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. قۇلىقى سەزگۈر، كۆزى ئۆتكۈر ئاسلانجان قۇشقاچلارغا خوشمۇ دېمەستىن شەپە چىققان تەرەپكە قاراپ يەر بېغىرلاپ كېتىپ قاپتۇ. قۇشقاچلار ئۇنىڭ چاققانلىقىغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ قاپتۇ.

(ئاپتور تارباغاتاي ۋىلايەتلىك چېگرا پورتىنى باشقۇرۇش كومىتېتىدا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر