باش بەت | چولپانلار

ئاتا ــ ئانىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان ئىككىنچى ئەۋلاد چولپانلار

      چولپانلارنىڭ بالىلىرى ئاتا ــ ئانىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىشتا يەنىلا ئىنتايىن زور غەيرەت ۋە ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى ناھايىتى غەلىبە قازىنىدۇ، بەزىلىرى ھېچ يول تاپالماي بۇ ساھەدىن چېكىنىپ چىقىدۇ. ئۇنداقتا تۆۋەندە بىز شۇ ئاتا ــ ئانىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان ئىككىنچى ئەۋلاد چولپانلارنى كۆرۈپ باقايلى!

      1.گىگانىت چولپان ھىيوستۇن بىلەن ئۇنىڭ قىزى كىرىستىنا

      سەنشىيا تورىدا يېقىندىلا ۋاپات بولغان گىگانىت چولپان ھىيوستۇننىڭ قىزى بابى.كىرىستىنا مۇخبىرلار زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاپىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىك خەۋىرىنى تارقاتقان. بۇ 19 ياشلىق كىرىستىنانىڭ كىنو ساھەسىگە قەدەم باسىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ ناخشا خانىشىنىڭ قىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ‹‹مەن چوقۇم ئاپامنىڭ كەسپىگە چوقۇم ۋارىسلىق قىلىشىم كېرەك، بۇ مېنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىم. مەن ناخشا ئېيتىش بىلەن شۇغۇللىنىمەن، ئۇنىڭدىن سىرت رول ئېلىش، ئۇسۇل ئويناشنىمۇ تەڭ ئېلىپ بارىمەن. ››دېدى.

      2.گو دېگاڭ بىلەن ئوغلى گو چىلىن

      گو دېگاڭ ئىلگىرى ئوغلىنىڭ ئوقۇشتىن توختاپ ئۆز كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى چاقچاق دەپ بىلگەن لېكىن گو دېگاڭنىڭ ئوغلى گو چىلىن راستىلا ئۆزى مەكتەپتىن چېكىنىپ دادىسىغا ئەگىشىپ ئېيتىشىش (ئەلنەغمىنىڭ بىر تۈرى) ئۆگىنىدىغانلىقىنى قارار قىلغان. دادىسىمۇ ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنى قوللىغان.

      3.جاڭ گولى بىلەن ئوغلى جاڭ موۋ

      جاڭ گولىنىڭ ياردىمى ئاستىدا جاڭ موۋ نۇرغۇن قېتىم جاڭ گولى رول ئالغان فىلىم ۋە جاڭ گولى رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىملەردە رول ئالغان. لېكىن دادىسىنىڭ چاپىنىدا تەرلىنىشنى خالىمىغان جاڭ موۋ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىزمۇ دادىسى بىلەن بىللە رول ئالمايدىغانلىقىنى ئۆز ئالدىغا ئايرىم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق ئاخىرىدا يەنىلا دادا ـ بالا ئىككىيلەن ھەمكارلىشىپ دادىسىنىڭ شىركىتىنى بىرلىكتە باشقۇرغان. يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى جاڭ موۋنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك رول ئالغان فىلىمى يەنىلا شۇ ‹‹ئۇچۇۋاتقان ئوق››بولدى. ئۇ دادىسىغا ئاز بولمىغان ئاۋارىگەرچىلىك تېپىپ بەردى.ئالدىنقى مەزگىللەردە زەھەر چەككەنلىكى ئۈچۈن نەچچە كۈن تۇتۇپ تۇرۇلدى. جاڭ گولىنىڭ زەھەر تاشلاش ئورنىدىن ئوغلىنى ئېلىپ چىققاندىكى ھېسسىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ھەقىقەتەن تەس.

      4.شې شىيەن بىلەن ئوغلى شې تيېفىڭ

      ئىككىنچى ئەۋلاد چولپانلار ئىچىدە ئەڭ نام قازانغىنى دېگەندە شې تيېفىڭنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. ئۇ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش، كىنو ــ فىلىملەردە رول ئېلىش قاتارلىق ئويۇن ساھەسىدىكى ھەرقانداق بىر تۈردە كەم قالغىنى يوق. ئۇنىڭ دادىسى شې شىيەنمۇ ئەينى ۋاقىتلاردا شياڭگاڭ ئويۇن ساھەسىدىكى داڭلىق چولپان بولۇپ، ئەمدىلىكتە ئوغلى شې تيېفىڭ ئۇنى بېسىپ چۈشتى.

      5.گې سۈن جۇاڭ بىلەن ئوغلى گې يوۋ

      ئارتىس گې سۈنجۇاڭ ئۆز ۋاقتىدا كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغان ھەر خىل سەلبىي ئوبرازلارنى يارىتىپ ھەممەيلەننىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ھازىر ئۇنىڭ ئوغلى گې يوۋ گەرچە دادىسىغا ئوخشاش سەلبىي ئوبرازلارنى يارىتالمىغان بولسىمۇ لېكىن كۈلدۈرگە ساھەسىدە ئاجايىپ ئۇتۇقلارنى قازاندى.

      6. زېڭ جىۋېينىڭ قىزى زېڭ باۋيى

      زېڭ باۋيى ئەزەلدىن زىڭ جىۋېيغا تايانمىغان بەلكى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ بۈگۈنكىدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. ئۇ مۇخبىرلىق، تەرجىمانلىق، قاتارلىقلارنى قىلىپ باققان. ئۇ تاماشا ساھەسىگە قەدەم قويغاندا ناخشا ئېيتىشتىن باشلىغان، كېيىن ئاستا ــ ئاستا كىنو ــ فىلىملەردە رول ئالغان. ئۇنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كېلىشىنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن بولغان.

      7.چېڭلۇڭنىڭ ئوغلى فاڭ زۇمىڭ

      فاڭ زۇمىڭنىڭ نام قازىنىشى دادىسى چېڭلۇڭنىڭ ياردىمى، ئويۇن ساھەسىدىكى چولپانلارنىڭ يېتەكچىلىكى ئۆزىنىڭمۇ تىرىشىشى ئارقىسىدا مەيدانغا كەلگەن. لېكىن ئۇ دادىسىدەك ئۇنداق نام قازىنىپ كېتەلمىدى.

      8.فەن چاڭ جاڭنىڭ قىزى فەن ياڭ

      فەن چاڭ جاڭ يالغۇز قىزى فەن ياڭغا كۆپ كۈچ چىقارغان. ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ ناخشا پلاستىنكىسى چىقارغان، ئۆزىنىڭ فىلىملىرىدە رول ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ پۈتۈن زېھنى بىلەن قىزىنىڭ سەھنىگە چىقىشى ئۈچۈن تىرىشقان. لېكىن ئويۇن ساھەسى شۇنچە چوڭ، يېڭى تالانتلىق چولپانلار بارغانچە كۆپىيىۋاتىدۇ، فەن ياڭ بۇ ساھەدە نام چىقىرىمەن دەيدىكەن ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن سىرت يەنە ياخشى پۇرسەتلەرنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك.

      9.جاڭ يىموۋ بىلەن قىزى جاڭ مو

      جاڭ مونىڭ نام قازىنىشى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئىش بولۇپ، ئىلگىرى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ جاڭ يىموۋنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئۇ ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن دادىسىنىڭ ئوڭ قولى بولۇپ، بىر قىسىم فىلىملەرنىڭ مۇئاۋىن رېژىسسورلۇقى، تەرجىمانلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلغان. ئۇنىڭ دادىسىغا ئوخشاش ئاجايىپ ئۇتۇقلارنى قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

      10.تاۋ داۋېي بىلەن ئوغلى تاۋ جې

      نۇرغۇن تورداشلار تاۋ جېنىڭ تاۋ داۋېينىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ناخشا ئېيتىشتىكى تەبىئىي تالانتىنىڭ دادىسىدىن كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدى. تاۋجېنىڭ دادىسى تاۋداۋېي ياش ۋاقىتلىرىدا تەيۋەننىڭ داڭلىق ناخشا چولپىنى ئىدى. 70 ــ يىللار ئۇنىڭ تازا دەۋر سۈرگەن مەزگىلى بولۇپ، نۇرغۇن يېقىملىق ناخشىلارنى ئىجاد قىلغان. ئۇنىڭ ئوغلى بۈگۈنكى كۈنلۈكتە تېخىمۇ نام قازىنىپ ئۆزى ئۈچۈن ناخشا يېزىپلا قالماي باشقا ناخشىچىلار ئۈچۈنمۇ ناخشا يېزىپ، مۇزىكىسىنى ئىشلەپ كەسىپتە ئۇتۇق قازانماقتا.

 

مەنبە: نۇر تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر