ئامېرىكىدىكى ‹‹ۋال كوچىسى گېزىتى›› ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : ئاتا – ئانىلار چارچاپ قالغان بالىلارنىڭ ئاسانلا غەزەپلىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى بولمىسا، ئۇلارنىڭ گومۇشلۇق ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچىيىدىكەن.
تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: ياخشى ئۇخلىيالمىغان بالىلارنىڭ يەنە ھاراق ۋە زەھەرگە ئاسانلا خۇمار بولۇپ قالىدىغانلىقى دەلىللەندى. ئۇلاردا يەنە جىدەلخورلۇق، ئۆگىنىش ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى چېكىنىش، سەمىرىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدىكەن.