باش بەت | پىسخىكا

بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەش

      بالىلارنىڭ پسىخىكىسىدىكى تۇراقسىزلىق مۇۋاپىق تەڭشەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ۋاقتىدا ھەل قىلىنمىسا، ئۇ بالىلارنىڭ خاراكتېرىدە ئېغىر دەرىجىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىپ، بالىلارنى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋە ئۆزىنى نابۇت قىلىش يولىغا سۆرەپ ماڭىدۇ. ئۇنىڭ كونكرېت ئالامەتلىرى: قايغۇرۇش، تەشۋىشلىنىش، بىئارام بولۇش، زىيادە سەزگۈرلۈك، ئۇيقۇسىزلىق، روھىي چۈشكۈنلۈك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

      بالىلارنىڭ پسىخىكىسىدىكى تۇراقسىزلىقنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ، مۇھىم مەنبەسى يەنىلا ئائىلە تەربىيىسىدىكى نۇقسانلار، ئوقۇش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر بىلەن جەمئىيەتنىڭ تەسىرى، بەرداشلىق بەرگۈسىز بېسىم، تۈگىتىشكە ئامالسىز قالغان زىددىيەت، يوقىتىۋەتكىلى بولمايدىغان چەكلىمىلىكلەردىن ئىبارەت. بۇ خىل ئەھۋاللار بالىلارنىڭ پسىخىكىسىدا بەزىبىر تۇراقسىزلىقلارنى پەيدا قىلىپ، ئۆگىنىشئاكتىپچانلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى چەكلەپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

      بالىلارنىڭ پسخىكىسىدىكى بۇنداق تۇراقسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ روھىي ھالىتىدە يۈز بېرىۋاتقان غەيرىي ئۆزگىرىشلەرنى ۋاقتىدا ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ پسىخىكىسىنى تەڭشەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر.

      مۇھىتنى يىڭىلاش ئۇسۇلى

      ئادەم ناچار كەيپىيات، ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا سىرتقى مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئويلاپ بەرسە، كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدۇ. ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ پسىخىكىسىدا تۇراقسىزلىق كۆرۈلگەننى سەزسە، شارائىتى يار بەرگەن دەرىجىدە ئۇلارنى گۈزەل ۋە مەنزىرىلىك جايلارغا ئاپىرىپ سەيلە قىلدۇرسا، كۆك ئاسمان،ئاپئاق بۇلۇت، زۇمرەتتەك سۇ، قۇشلار سايرىشىپ تۇرغان تەبىئىي مۇھىت بالىلارنى خۇ شخۇي، ئازادە كەيپىياتقا ئىگە قىلىپ، بارلىق غەم – ئەمدىشىلىرىڭ يامغۇردىن كېيىنكى بۇلۇتتەك تارقاپ كېتىدۇ.

      ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى

      ئاتا - ئانىلار بالىلارغا ئۇلارنىڭ باتۇر، قەيسەر ئىكەنلىكىنى دائىم ھېس قىلدۇرۇپ، يولۇققان مەسىلىنى دادىل بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، بېسىم ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا توغرا قاراش، توغرا يۈزلىنىش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىش بىلەن بىللە، بالىغا ئۆزىنىڭ تېخى كىچىك ئىكەنلىكىنى، ئالدىدا نۇرغۇن پۇرسەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق پسىخىكىسىنى تەڭشەشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

      كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلى

      بالىلارغا كىتاب ۋە گېزىت - ژۇرناللارنى كۆپ كۆرۈش ئارقىلىق بىلىمىنى ئاشۇرغىلى، مىجەز - خاراكتېرىنى تەڭشىگىلى، مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتقىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق يەنە پسىخىكىلىق ساغلاملىقنى ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. چۈنكى بەدىئىيلىكى يۇقىرى ئەسەرلەرنى، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان گۈزەل سۆز - جۈملىلەرنى ئوقۇپ دىققەتنى بۇراش ئارقىلىقمۇ پسىخىكىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.

      فىزىئولوگىيلىك ساقلىقنى ساقلاش ئۇسۇلى

      بالىلار بىرەر ئاۋارىچىلىككە يولۇققاندا، ئاتا - ئانىلار ئۇلارغا ناخشا - مۇزىكا ئاڭلاش، ئۇسسۇل ئويناش، توپ ئويناش، سۇ ئۈزۈش، مۇزىكا ئاڭلاش، كىنو كۆرۈش، رەسىم سىزىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن تەڭشەپ، كەشپىياتىنى ياخشىلىۋېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

      ئۆزىنى چەتكە ئىلىش ئۇسۇلى

      ئاتا - ئانىلار بالىلارنى كۆپرەك كۆزىتىپ، كۆپرەك پىكىر يۈرگۈزۈشى، بالىلار ئالدىدا قارىغۇلارچە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئورۇنماسلىقى لازىم. ئەكسىچە بولغاندا، ئۆز ئوبرازىغا تەسىر يېتىپ ، بالىنى تەشۋىشكە سېلىپ قويىدۇ.

      قىياپەتنى گۇزەللەشتۇرۇش ئۇسۇلى

      سىرتقى قىياپەتكە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىقمۇ باشقىلارنىڭ دىققىتى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانا بولغۇچىلار ئىقتىسادىي ئەھۋالى يار بەرگەن شارائىتتا پەرزەنتىنىڭ سىرتقى قىياپىتىنى يېڭىلاپ، پەرزەنتىنىڭ ئۆزىنى روھلۇق، چىرايلىق سېزىشىگە ئىلھام بېرىشى كېرەك.

      تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇش

      ئادەم كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزىبىر ئادالەتسىزلىكلەرگە، ئادىل بولمىغان مۇئامىلىلەرگە ياكى كۆڭۈلسىز كەچمىشلەرگە يولۇققاندا، پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىقمۇ ئۆزىدىكى پسىخىكا تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئوڭشىۋالالايدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ پسىخىكىسىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلگەندە، ئۇلارنى قارشى تەرەپتىن ئۆزىگە ئوخشاش ھېس - تۇيغۇنى ئىزدەپ بېقىشقا، ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ ئويلىنىپ بېقىشىقا دەۋەت قىلىش بىلەن بىرگە خىيال، تەپەككۇرىنى ئۆزىگە قاتتىق تەسىر قىلغان ئىشتىن ئۆزىگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارغا يۆتكەشكە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.

      نۋاقىتنى ئۇنتۇش ئۇسۇلى

      ۋاقىت بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. بالىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى ئۆزىگە كۆڭۈلسىز بىلىنگەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتسە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈ شىگە ئەگىشىپ پسىخىك تەڭپۇڭلۇقتا ئىلگىرىلەش بولىدۇ.

      ئۆز - ئۆزىنى ئازاد قىلىش ئۇسۇلى

      بالىلار ئۆزىنى ئەركىن - ئازادە قويۇۋېتىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، كىشىلەر ئالدىدا سۆزلىگۈسى كەلسەسۆزلىشى، كۈلگۈسى كەلسە كۈلۈشى، يىغلىغۇسى كەلسە يىغلىۋېلىشى كېرەك. ئاتا - ئانىلارمۇ بۇنداق ۋاقىتتا پەرزەنتىنىڭ روھىي ھالىتىنى توغرا چۈشىنىپ، ئۇلارغا ئاكتىپ ماسلىشىپ، بالىلارنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك.

      ئوقۇشنى قىزغىن سۆيۇش

      پۈتۈن زېھنى بىلەن ئوقۇشقا بېرىلىش بالىلارنىڭ پسىخىكىسىنى تەڭشەشتە ئىنتايىن مۇھىم. بۇنداق ئەھۋاللار بىر قىسىم ئاز ساندىكى تىرىشچان ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلسىمۇ، ئاتا - ئانىلار يەنىلا مەكتەپ بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ پەرزەنتىنىڭ پسىخىكىسىدىكى كۆڭۈلسىزلىكنى ئوقۇش قىزغىنلىقى بىلەن ھەل قىلىشىغا مەدەت بېرىشى لازىم.

 

مەنبە: ئۇلىنىش تورى تەھرىر: مەۋلان