باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

كۆپ ئىقتىدارلىق كىيىم

      ھەركۈنى نۇرغۇن كىتاب – ماتېرىيال ۋە ئۆگىنىش قوراللىرىمىزنى كۆتۈرۈپ مەكتەپكە بېرىپ – كەلگۈچە ھېرىپ كېتىمىز. شۇڭا، مەن بىر خىل ‹‹كۆپ ئىقتىدارلىق كىيىم›› كەشىپ قىلماقچى. كىيىمنىڭ ئوڭ يانچۇقىغا ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى ساقلايدىغان ساقلىغۇچ ئورنىتىلغان، سول يانچۇقىغا مىكرو تىپلىق ھېس قىلىش قۇرۇلمىسى ۋە ئېنېرگىيە كۇمىلىچى سەپلەنگەن. سېزىش قۇرۇلمىسى ھەر ۋاقىت بەدىنىڭىزدىكى ئېنېرگىيەنى تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر نورمالسىز ئەھۋال بولسا سىزنى ئېنىرگىيە كومۇلىچىنى يېيىشكە بۇيرۇيدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر