باش بەت | كائىنات سىرلىرى

 ئاي شارى يەر شارىنىڭ بىر قىسمى

      ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىندا بىر يېڭى نەزىرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان، يەنى ئاي شارى ئەسلى يەر شارىنىڭ بىرقىسمى ئىكەن، يەرشارى باشقا بىر پىلانىت بىلەن قاتتىق سوقۇلغان ۋاقىتتا ئاندىن ئاي شارىنى ‹‹ئاجرىتىپ›› چىقىرىپتىكەن.

      ئىككى مۇتەخەسسىسنىڭ ‹‹پەن - تېخنىكا›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، ئۇلارنىڭ نەزىرىيەسى يەر شارى بىلەن ئاي شارى تۈزۈلمىسىنىڭ ۋە خىمىيەلىك ئېلېمېنتلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدىكەن. ئاي شارى ئايرىلىپ چىققان ۋاقىتتا يەر شارىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز ئىكەن، بىر كۈننىڭ ھەقىقىي ۋاقتى پەقەت ئىككى سائەتتىن ئۈچ سائەتكىچىلا ئىكەن. يەر شارىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى مۇشۇنداق تېز بولغانلىقى ئۈچۈن، يەر شارىدىن چاچراپ چىققان نەرسىلەر ئاي شارىنى پەيدا قىلغان. بۇ يېڭى نەزىرىيەگە ئاساسەن، يەر شارىنىڭ قۇياشنى ئايلانغان ھەرىكىتى ۋە ئاي شارىنىڭ يەر شارىنى ئايلانغان ھەرىكىتى ئۆز - ئارا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتى ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن. بۇ ئىككى مۇتەخەسسىسنىڭ قارشى ھازىرقى ئاساسلىق قاراشقا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن. ھازىرقى قاراشتا ئاي شارى يەر شارى باشقا بىر نەرسە بىلەن سوقۇلغان ۋاقىتتا شەكىللەنگەن، دېيىلىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: رەيھانگۈل