باش بەت | ئۆرپ – ئادەت

‹‹ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى››گە ‹‹يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىش››

      ‹‹يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىش›› ـــ ‹‹ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى››نىڭ مۇھىم تەرتىپلىرىنىڭ بىرى. ئېنىقكى، بۇ ئويۇن ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرى كۈچلۈك، سەنئەت تۈسى قويۇق پائالىيەت. مەشرەپلىرىمىزنىڭ بۈگۈنگىچە يېتىپ كېلىشىدە بۇ تۈرنىڭ رولى تولىمۇ زور بولغان.

      مەلۇمكى، بىر مىللەتنىڭ ھەر قانداق بىر سەنئەت شەكلى، بولۇپمۇ خەلق سەنئىتى تۈرىگە تەۋە مەدەنىيەت شەكىللىرى ئەۋلادتىن –ئەۋلادقا، ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈپ، مەزمۇن جەھەتتىن بېيىيدۇ، شەكىل جەھەتتىن رەڭدارلىشىدۇ، تاكامۇللىشىدۇ. جۈملىدىن مەشرەپلىرىمىزمۇ شۇنداق. خەلق سەنئىتىگە مەنسۇپ مەشرەپلىرىمىزنىڭ پەيدا بولغاندىن تارتىپ، بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىشىنى، ئاددىيلىقتىن – مۇرەككەپلىككە، تېيىزلىقتىن – چوڭقۇرلۇققا، مۈجمەل، مەۋھۇملۇقتىن، روشەن جەزبىدارلىققا ئىگە بولۇشىنى ئەينى دەۋرلەردىكى مەشرەپ ئەھلىلىرىنىڭ ھەر بىر مەيدان مەشرەپ ئۆتكۈزگەندە، مەشرەپكە يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىپ، مەشرەپلىرىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئۈزۈلمەس ئېقىن ھاسىل قىلىشتەك ئۆرنەك ياراتقانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.

      نېمە ئۈچۈن ھەر بىر مەيدان مەشرەپ ئۆتكۈزگەندە ‹‹يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىش››نى مەشرەپنىڭ مۇھىم بىر تەرتىپى دەيمىز؟ چۈنكى، بىر مەيدان مەشرەپ تاماملىنىپ، يەنە بىر مەيدان مەشرەپ باشلانغىچە ئەسلىدىكى مەشرەپ ئەھلىلىرىنىڭ بىر قىسىملىرى ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەبلەر بىلەن كەملىشى، ياشلارنىڭ بەردەم يېتىلىپ، جامائەتكە قوشۇلۇش تەلىپى، مۇھىمى، گۈزەل ئەخلاق – تەربىيە، ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ئۈزۈپ قويماسلىق قاتارلىقلار ئۇنىڭ مۇھىم تەرتىپ بولۇشىنى تەقەززا قىلغان. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، تارىختىن بۇيان مەشرەپكە قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئەزالار مەشرەپنى داۋاملاشتۇرغۇچى، شۇنداقلا دەۋرلەردىن – دەۋرلەرگە ئۇلىغۇچىلار بولغان.

      بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، مەشرەپكە ‹‹يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىش›› مۇئەييەن قائىدە – يوسۇن، تەرتىپ – ئىنتىزام، شۇنداقلا بەلگىلىك جامائەت ئەخلاقىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. يەنى شۇ دائىرىدە ياكى شۇ يۇرتتا يېتەرلىك ئەقىل – پاراسەت، ئىنساپ – دىيانەت، خۇلق – لاتاپەت، غەيرەت – شىجائەت ۋە ئەخلاق – پەزىلەتنى ۋۇجۇدىدا ھازىرلىغان، ئەل نەزىرىگە چۈشكەن، قۇرامىغا يېتىپ، يۇرت ئىشلىرىدا دادىللىقنى، ھەق – ناھەقتە ئادىللىقنى ياقلىيالايدىغان، ھالال ئەمگىكى بىلەن ئەل ئۈمىدىنى ئاقلىيالايدىغان يۈرەكلىك ئەزىمەتلەر مەشرەپ سورۇنىنىڭ ئۆزىدىلا سىنىلىپ، مەشرەپ ئەھلىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مەشرەپكە قوبۇل قىلىنىپ، ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ بىر گۈلى سۈپىتىدە مەشرەپ سورۇنىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

      خەلقىمىزدە ‹‹بالاڭنى مەكتەپكە بەر، مەكتەپتىن ئېلىپ مەشرەپكە بەر›› دېگەن گەپ بار. شۇ بويىچە ئوغلى چوڭ بولغانلار بالىسىنى ئەدەپ – ئەخلاق ئۆگەنسۇن، جامائەت ئىشلىرىغا پىشسۇن دېگەن مەقسەتتە مەشرەپكە بېرىدۇ. مەشرەپ ئەھلى ئۇنى قائىدە بويىچە سىنايدۇ. مەسىلەن: مەشرەپكە قوبۇل قىلىنغۇچىدىن ‹‹ئادەم بىرەر نەرسە تاللىغاندا، كۆز بىلەن كۆڭۈل ئوتتۇرىسىدا كەسكىن تاللاش بولىدۇ. سېنىڭچە كۆزگە ياققىنى كۆڭۈلگە، كۆڭۈلگە ياققىنى كۆزگە ياقمىسا، ئۇنداقتا كۆز ئىشەنچىلىكمۇ، كۆڭۈلمۇ؟›› دەپ سورالسا، چېچەن يىگىت ‹‹كور كۆزدىن كۆڭۈل، ئالا كۆڭۈلدىن كۆز ئىشەنچلىك›› دەپ جاۋاب بېرىپ، مەشرەپ ئەھلىنى قايىل قىلىپ ئالقىشلىنىدۇ. بۇنداق مەنىلىك سوئال، چېچەن جاۋابلار باشقىلارنى، بولۇپمۇ ئىنتىلىش كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلارنى تەربىيەگە ئىگە قىلىدۇ.

      مەشرەپكە ‹‹يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىش››نىڭ شەكىل ۋە ئۇسۇللىرى شۇ ئورۇن، شۇ سورۇننىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ھەر خىل بولۇشى مۇمكىن. دېمەكچىمەنكى، مەشرەپكە ‹‹يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىش››تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم مەشرەپ تەرتىپىنىڭ ئىجرا قىلىنىش جەھەتتە ھەر قايسى دەۋرنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ، تېخىمۇ جانلىق، كونكرېت، قىزىقارلىق ھەم قايىل قىلارلىق تۈستە بېيىپ كەلگەنلىكى يۇقىرى قىممەتكە ئىگە.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر