باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

يىپ كېسىش

      يىپ كېسىش ئويۇنى ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇنغا قىز – ئوغۇللار بىللە قاتناشسا بولىدۇ. قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ.

      كېرەكلىك ماتېرىياللار: ئارغامچا ياكى ياغاچ، قايچا، يىپ، مۇكاپات بۇيۇملىرى.

      ئويۇن قائىدىسى: ئېگىزرەك تارتىلغان ئارغامچا ياكى توغرا قويۇلغان ياغاچقا مەلۇم ئارىلىق تاشلاپ يىپلار ساڭگىلىتىپ باغلىنىدۇ. يىپلارنىڭ ئۇچىغا مۇكاپات بۇيۇملىرى ئېسىلىدۇ. ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار بەلگىلەنگەن سىزىقنىڭ كەينىدە تەييارلىنىپ تۇرىدۇ. ئويۇن باشقۇرغۇچى نۆۋىتى كەلگەن بالىنىڭ كۆزىنى تېڭىپ، قولىغا قايچە تۇتقۇزىدۇ ھەمدە ئۇنى ئىككى – ئۈچ قېتىم پىرقىرىتىۋېتىپ يىپلار ئېسىلغان تەرەپكە قارىتىپ قويۇپ بېرىدۇ. كۆزى تېڭىلغان بالا سەگەكلىك بىلەن مېڭىپ ئېسىلغان يىپلاردىن بىرىنى قايچا بىلەن كېسىدۇ، كېسىۋېتەلىسە يىپقا ئېسىلغان بۇيۇم ئۇنىڭ بولىدۇ. ئويۇن باشقۇرغۇچى ياكى ئويۇننى ئۇيۇشتۇرغۇچى كېسىلگەن يىپقا يەنە مۇكاپات بۇيۇمىنى ئېسىپ قويىدۇ. نۆۋىتى كەلگەندە باشقا بالىلارمۇ ئاشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەگەر ئويۇنغا قاتنىشىدىغان بالىلار كۆپرەك بولسا ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ گۇرۇپپىلار ئارا بەسلىشىپ ئوينىسىمۇ بولىدۇ. قايسى گۇرۇپپىدىكى بالىلار يىپنى كۆپرەك كېسىۋېتەلىسە شۇ گۇرۇپپا يەڭگەن بولىدۇ.

      دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: كۆزنى تاڭىدىغان ياغلىقتىن ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدىغان بولۇشى، ئېسىلغان يىپلارنىڭ ئارىلىقى بەك يىراق ياكى بەك يېقىن بولۇپ كەتمەسلىكى، يىپلارنىڭ ئارىلىقى ئادەم ئۆتۈپ كېتەلىگۈدەك بولۇشى لازىم. بۇ ئويۇننى تۆۋەن يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار ئوينىماقچى بولسا بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ كۆزىنى تاڭغاندىن كېيىن پىرقىراتماسلىق، قايچا ئىشلىتىشنى قول بىلەن ئۇرۇشقا ئۆزگەرتىشى لازىم.

      قائىدىگە خىلاپ ئىشلار: بۇ ئويۇندا كىم كۆزىنى ئېچىۋالسا، ئېسىلغان يىپنى قولى بىلەن ئىزدەپ تېپىپ ياكى باشقىلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشى بىلەن كەسسە قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر