باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

بالىلىقىمنى ئەسلەيمەن

پاشاگۈل ياقۇپ

      بالىلىق چاغلىرىمنى ئەسكە ئالسام ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن. ئاشۇ ۋاقىتلىرىمدا ئانام ئورنۇمدىن تۇرغۇچە سۈت چايغا نان چىلاپ تەييار قىلىپ قوياتتى. چاينى ئىچىپ بولۇپ سومكامنى ئېسىپ مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن بىللە مەكتەپكە ماڭاتتۇق. چۈشلۈك دەم ئېلىشلاردا ئىسسىقنىمۇ سەزمەي ئېرىق – ئۆستەڭلەردە بېلىجان تۇتۇپ ئوينايتتۇق. كەچتە مەكتەپتىن كېلىپ تاماقلىرىمىزنى يەپ بولغاندىن كېيىن ھويلىدا چۇۋۇرلىشىپ ئولتۇرۇپ بىللە تاپشۇرۇپ ئىشلەيتتۇق، تەكرار قىلاتتۇق، ‹‹چاكۇم›› ئويۇنى ئوينايتتۇق. ئارام ئالغاچ ئۈجمە قېقىپ يەيتتۇق. ئۈجمە يەپ شالتاق بولۇپ كەتكەن ئاغزىمىزغا قاراپ قاقاھلىشىپ كۈلۈشەتتۇق. باھاردا بېدە ئەمدىلا بېشىنى كۆتۈرۈپ چىققاندا ھەممىمىز ھېكايە ئېيتىشقاچ كۆكنى ئېتەكلىرىمىزگە لىق تولدۇرۇپ ئانىمىزغا ئاپىرىپ بېرەتتۇق. يازدا قىزلار باراڭ ئاستىدا ئوسما قويۇشساق، قىشتا ئوغۇل بالىدەك چانا ياساپ مۇزدا تېيىلىپ ئوينايتتۇق.

      مەن ئەمگەك بىلەن ئويۇن بىرلەشكەن ئاشۇ بالىلىقىمنى ئەسلەپ قانمايمەن ھەم ئۇنتۇيالمايمەن.

(ئاپتور مارالبېشى ناھىيەسى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى تاڭنۇر 2 – كەنت 4 – مەھەللىدە)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر