باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

تەجرىبە

      داڭلىق بىر ئوۋچى بار بولۇپ ئۇ بىر ئوقيا بىلەنلا كۆكتە ئۇچۇۋاتقان بۈركۈتنىڭ كۆزىگە تەگكۈزەلەيدىكەن. كەنتتىكىلەرنىڭ قورساق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئوۋچى تاغدا ئاي – ئايلاپ يۈرۈپ يۇرتداشلارغا مول ئولجىلارنى ئەكىلىدىكەن.

      ئوۋچىنىڭ بىر ئوغلى بار ئىكەن. ئوۋچىمۇ ئوغلىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش داڭلىق ئوۋچىلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئون نەچچە يىللىق ئوۋ ئوۋلاش تېخنىكىسىنىڭ ھەممىسىنى ئوغلىغا ئۆگىتىپتۇ. ئوغلىمۇ ئاتىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي ئۇستا ئوۋچىلاردىن بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوۋچى ئۆزى ئىشلەتكەن يانى ئوغلىغا بېرىپ، ئوغلىنى تاغقا يالغۇز يولغا ساپتۇ.

      يېرىم ئايدىن كېيىن ئوغلى ناھايىتى كۆپ ئولجىلار بىلەن قايتىپ كەپتۇ. بىراق ئۇ ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.

      ئەسلىدە ئوۋچىنىڭ ئوغلى ئوۋ ئوۋلاۋاتقاندا ئۇنى ھەرە چېقىۋالغانىكەن. بىراق ئۇ يارا ئېغىزىنى بىر تەرەپ قىلمىغانلىقتىن، يارا ئېغىزى يۇقىملىنىپ ئالەمدىن ئۆتكەنىكەن.

      ئوۋچى ئوغلىغا قىلغان ئەقىدىسى ۋە ئۇنىڭ قىسمىتىگە ئېچىنىپتۇ.

      ئوۋچىنىڭ ئاغىنىسى: ‹‹سەن پەقەت ئوغلۇڭغا تېخنىكاڭ بىلەن ئادەتتىكى بىلىملىرىڭنىلا ئۆگەتتىڭ، ئەگەر سەن ئۇنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئەمەلىيەت جەريانىدا مەشىق قىلدۇرغان بولساڭ، بەلكىم بۇنداق تاسادىپىيلىقمۇ يۈز بەرمىگەن بولاتتى. بەزى نەرسىلەرنى پەقەت ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەندىلا بىلگىلى بولىدۇ، بىراق سەن دەل مۇشۇ نۇقتىغا سەل قارىدىڭ! ›› دەپتۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي