باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

ۋاقىت ئالدىراڭغۇ، ساقلاپ تۇرمايدۇ

      نۇرغۇن ساۋاقداشلار ماقالە يازغاندا ئاۋۋال دەسلەپكى نۇسخىسىنى يېزىۋېلىپ ئاندىن ماقالە دەپتىرىگە كۆچۈرىدۇ. دەرسلىكتە دەسلەپكى نۇسخا بولغان بىلەن ھاياتلىقتا دەسلەپكى نۇسخا بولمايدۇ. ھاياتلىقتىكى ھەربىر نەرسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئەستايىدىل يېزىش كېرەك، چۈنكى بىزنىڭ ھاياتنى قايتا تۈزىتىش ۋە كۆچۈرۈش پۇرسىتىمىز يوق.

      ھاياتلىققا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش توغرا تۇرمۇش قارىشى تۇرغۇزۇشنىڭ ئۇل تېشى، ھاياتقا ياخشى مۇئامىلە قىلىشتىكى ئاساسىي روھ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسى. ھاياتنى سىنئالغۇغا ئوخشاش خالىغانچە كەينىگە ياندۇرغىلى، قايتا قويغىلى بولمايدۇ. ھاياتنىڭ قايتىلانماس خاراكتېرى بىزنى ھەربىر كۈنگە، ھاياتلىقتىكى ھەربىر ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۆسمۈرلۈك ۋاقىت ئۆسۈپ يېتىلىدىغان، بىلىم ئىگىلەيدىغان، نەزەر دائىرە كېڭىيىدىغان، تەجرىبە توپلىنىدىغان، ياخشى ئادەت شەكىللىنىدىغان ئىنتايىن مۇھىم مەزگىل، ئەستايىدىللىق ناھايىتى مۇھىم تۇرمۇش پوزىتسىيەسى ۋە ياخشى ئادەت. بىز پەقەت ئۆگىنىشتىلا ئەستايىدىل بولۇپ قالماستىن تەشكىلىي تۈزۈمگە رىئايە قىلىشتا، بەدەن چېنىقتۇرۇشتا، ئارام ئېلىشتا، ئويۇندىمۇ ئەستايىدىل بولۇشىمىز كېرەك. ھېچقانداق ئىشتا ئەستايىدىل بولماي پەقەت ئۆگىنىشتىلا ئەستايدىل بولۇشنى ئويلايدىغان كىشى ئۆگىنىشتىمۇ ھەرگىز ئەستايىدىل بولالمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئەستايىدىل بولماسلىققا ئادەتلىنىپ قالغان.

      ھاياتلىقتا دەسلەپكى نۇسخا بولمايدۇ، ھايات پەقەت بىر قېتىملا كېلىدۇ، بىز تىرىشىپ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ئۇنداقتا تۇرمۇش سۈپىتىگە قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟ قانداق ھاياتنىڭ قىممىتى بولىدۇ؟ مۇنداقچە ئېيتقاندا ھاياتنىڭ قىممىتى كەسىر ئىپادىنىڭ قىممىتىگە تەڭ، شەخسنىڭ دۇنياغا قوشقىنى سۈرەت بولسا دۇنيادىن ئالغىنى مەخرەج بولىدۇ. دېمەك، بىر ئادەمنىڭ دۇنياغا قوشقىنى قانچە كۆپ بولسا ھاياتنىڭ قىممىتى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. بىز چوقۇم ھاياتىمىزنى قەدىرلىشىمىز كېرەك. ۋاقىت ھاياتلىق ماتېرىيالىدىن تەركىب تاپقان، كالېندارنىڭ ھەربىر ۋارىقى يىرتىلسا ياشلىق گۈلىدىن بىر يوپۇرماق تۆكۈلىدۇ. ھاياتلىقنى قەدىرلەشتە ئاۋۋال ۋاقىتنى قەدىرلەيلى، ھەربىر كۈننى بېيىتىپ، ھەربىر مىنۇتنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرايلى!

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر