باش بەت | مەكتەپلەر

گۇاڭجۇ شەھەرلىك ‹‹شيېخې›› ئوتتۇرا مەكتىپى

      گۇاڭجۇ شەھەرلىك ‹‹شيېخې›› ئوتتۇرا مەكتىپى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك مەكتەپ، شۇنداقلا دۆلەتلىك ئۈلگىلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ. بۇ مەكتەپ 2002 - يىلى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئىچكىرىدىكى 2 - تۈركۈمدە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى ئاچقان مەكتەپلەرنىڭ بىرى، ھازىر بۇ مەكتەپتىكى تۆت سىنىپتا شىنجاڭلىق 180 ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ.

      مەكتەپتە مەخسۇس تەيىنلەنگەن ئوقۇتقۇچىدىن 167سى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئالاھىدە دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىدىن بىرى، ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى››دىن ئالتىسى، شەھەر دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىدىن 20 نەچچىسى، غوللۇق ئوقۇتقۇچىدىن بەشى، ئالىي ئوقۇتقۇچىدىن 57سى، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىدىن 71ى بار بولۇپ، بۇ مەكتەپ مول ئوقۇتۇش ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا ئىگە.

      شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىنغاندىن بويان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى جەھەتتىن قوللاپ، مەكتەپكە مەبلەغ سېلىش سالمىقى ۋە سىياسىي جەھەتتىن مايىللىشىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئامالنىڭ بارىچە ياخشى ئۆگىنىش، تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىپ، تۈرلۈك ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىدى. مەكتەپ مەخسۇس شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى باشقۇرۇش بۆلۈمى قۇرۇپ، ئوقۇتۇش ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىسى مول ئوقۇتقۇچىلارنى شىنجاڭ سىنىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقى ۋە سىنىپ مۇدىرلىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق ۋە سىياسىي - ئىدىيە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇش - ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتۇشتا ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

      بۇ مەكتەپ گۇاڭجۇ شەھىرى بويىچە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر خىزمىتىدە ئۇدا تۆت يىل 1 - دەرىجىلىك مۇكاپات ۋە شىنجاڭ سىنىپى خىزمىتىدە ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ مەكتەپ يەنە ب د ت پەن - مائارىپ - مەدەنىيەت تەشكىلاتى (DPE) تۈرىگە ئەزا بولۇپ، ب د ت پەن -  مائارىپ - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگونىڭ مائارىپنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل راۋاجلاندۇرۇش تۈرىدىكى ئۈلگىلىك مەكتەپ، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ‹‹11 - بەش يىللىق پىلان›› مەزگىلىدىكى مەملىكەتلىك مائارىپ، پەن - تېخنىكا تېمىسى تەجرىبە مەكتىپى قاتارلىق نۇرغۇن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان