باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

توردىكى ‹‹قارا مېھمان›› كىمنى كۆرسىتىدۇ

      توردىكى ‹‹قارا مېھمان›› كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى باشقىلارنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىغا كىرىپ ئاخبارات ئىگىلەيدۇ ياكى پۇللىرىنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىۋالىدۇ، بەزىلىرى توردا ۋىرۇس تارقىتىدۇ. ئۇلار ئىنتايىن سىرلىق بولۇپ، كومپيۇتېر سىستېمىسىدىكى ‹‹ دەرىجىدىن تاشقىرى قاتىللار›› دۇر.

      ئامېرىكىدا، ‹‹قارا مېھمان››لار ئىلگىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە كومپيۇتېر سىستېمىسى بىلەن ھاۋا ئارمىيە كومپيۇتېر سىستېمىسىغا تاجاۋۇز قىلغان مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئاساسىي بېتى ‹‹قارا مېھمان››لار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىۋېتىلگەن؛ بىر بانكىنىڭ غايەت زور مەبلىغى ‹‹قارا مېھمان››لار تەرىپىدىن ئىنتېرنېت تورىدا يۆتكەپ كېتىلگەن.

      مەملىكىتىمىزدىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ‹‹قارا مېھمان›› ۋەقەلىرى كۆپ قېتىم يۈز بەردى. مەسىلەن، 1998 – يىلى ‹‹قارا مېھمان›› كۆپ قېتىم ‹‹شاڭخەي شەھەرلىك ئاممىۋى ئۇچۇر تورى››غا كىرىپ، بۇ توردىكى نۇرغۇن خىزمەتچى خادىم ۋە ئابۇنىچىلارنىڭ ھېسابات نومۇرى بىلەن مەخپىي نومۇرىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان؛ بىر جۈپ ئاكا – ئۇكا ‹‹قارا مېھمان››ئىچى – تېشىدىن ماسلىشىپ، سودا – سانائەت بانكىسىنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىدىن 260 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىنى ئوغرىلاپ كەتكەن.

      ‹‹قارا مېھمان›› لارنىڭ جىنايەت قىلمىشلىرى ھۆكۈمەت تاماقلىرى ۋە كارخانىلارغا ئېغىر زىيان سېلىپ، غايەت زور زىيان پەيدا قىلىدۇ. كومپيۇتېر تورىنى بىخەتەر مۇھىتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن دۆلەتلەردە ‹‹قارا مېھمان››لارغا زەربە بېرىش تېخنىكىسى تەتقىق قىلىنىپ، ‹‹قارا مېھمان››لارغا زەربە بېرىش يۇمشاق ماتېرىيالى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتىدۇ. بۇنداق يۇمشاق ماتېرىياللارنىڭ ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، ‹‹قارا مېھمان››لار يولسىزلىق بىلەن كىرگەن ۋاقىتتا، ئۇلارنى دەرھال توسۇپ قالالايدۇ ھەمدە جىنايى قىلمىشلار يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مېھراي