باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

بالىلارنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر

      كالا سۈتى. كالا سۈتىدە كالتسىي مول. ھەر كۈنى ئۈچ ئىستاكان سۈت ئىچىش ئارقىلىق ئۆسۈشكە كېرەكلىك كالتسىيغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

      قارا پۇرچاق. پۇرچاق ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىك، بۇنىڭ ئىچىدە قارا پۇرچاقنىڭ ئاقسىل تەركىبى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق. قارا پۇرچاقنى گۈرۈچ بىلەن بىللە پىشۇرۇپ يېسە ياكى پۇرچاق سۈتى قىلىپ ئىچسە بولىدۇ.

      پالەك. ئۇنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر ۋە كالتسىي مول.

      سەۋزە. سەۋزە تەركىبىدە ۋىتامىن A مول. ئۇ ئاقسىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. سەۋزە شەربىتى تەييارلاپ بالىلارغا ئىچۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، قوي، كالا، توخۇ گۆشلىرى بىلەن قۇرۇپ يېيىش كېرەك. بۇنىڭ تەمى ياخشى بولۇپلا قالماي، ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ مول.

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: رەيھانگۈل