باش بەت | چولپانلار

مۇنەۋۋەر پۇتبولچى – مېسسى

      ئىسىم فامىلىسى: لى ئونىل . ئاندىرىس. مېسسى.

      تۇغۇلغان كۈنى: 1987 – يىلى 6 – ئاينىڭ 24 – كۈنى.

      دۆلەت تەۋەلىكى: ئارگېنتىنا.

      بەدەن ئېغىرلىقى: 64 كىلوگىرام.

      بوي ئېگىزلىكى: 1.70 مېتىر.

      كەسپىي ئالاھىدىلىكى: تېخنىكىسى يۇقىرى، ئىدىيەسى ئىلغار، ھۇجۇم سۈرئىتى تېز.

      مەيداندىكى ئورنى: ئالدى ھۇجۇمچى، ئوڭ يان ھۇجۇمچى، سول يان ھۇجۇمچى.

      كۇلۇب كوماندىسى: ئىسپانىيە بارسېلونا كوماندىسى.

      مېسسى ئېرىشكەن شان شەرەپلەر: 2009 – يىللىق ‹‹دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى›› 2 –لىكى، 2008 –،2009 – يىللىق ئىسپانىيە پادىشاھ  لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ‹‹ئالتۇن كەش›› مۇكاپاتى، 2008 –،2009 – يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇن لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ‹‹ئالتۇن كەش›› مۇكاپاتى، 2010 – يىللىق خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى ‹‹ئالتۇن توپ›› مۇكاپاتى، 2009 – يىللىق ياۋروپا ‹‹ئالتۇن كەش›› مۇكاپاتى، 2011 – يىللىق ياۋروپادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

      2009 – يىلى 12 – ئاينىڭ 22 – كۈنى، مېسسى 2008 –، 2009 – يىلدىكى پەسىللىك مۇسابىقىلەردە بارسېلونا كوماندىسىنىڭ A دەرىجىلىك پۇتبولچىلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى، ئىسپانىيە پادىشاھ  مۇسابىقىسى، ياۋروپا ئۇزغۇن لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە بارسېلونا كوماندىسىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ھەمدە شۇ يىلى دۇنيا ‹‹پۇتبول ئەپەندىسى›› بولۇپ باھالانغان، 2011 – يىلى مېسسى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ‹‹ئالتۇن توپ›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇ ئارگېنتىناغا ۋاكالىتەن 2006 – يىللىق، 2010 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، 2007 – يىللىق، 2011 – يىللىق ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسى مۇسابىقىسى، شۇنداقلا 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان.

      مېسسى بەش يېشىدىن تارتىپ ئۆزى تۇرۇشلۇق يەرلىك كۇلۇبتا توپ تېپىشكە باشلىغان بولۇپ، تىرېنېر دەل ئۇنىڭ دادىسى ئىدى. 17 ياش چېغىدا ئۇنىڭ يېتىلىش ھورمىنى كەمچىل ئىكەنلىكى بايقالغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ سۆڭىكىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتتى، لېكىن ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ناچار بولغاچقا داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغان. تىرېنېر رىكساس، مېسسىنىڭ تۇغما تالانتىنى بايقاپ 2004 – يىلى ئۇنى ئىسپانىيەگە ئېلىپ كەلگەن. 2000 – يىلى 9 – ئايدا، بوينىڭ ئېگىزلىكى ئاران 1.40 مېتىر كېلىدىغان 13 ياشلىق مېسسى بارسېلونا كوماندىسىدا سىناق مەشىقىگە قاتناشقان، بۇ جەرياندا ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا، تىرېنېر ئۇنىڭغا قايىل بولۇپ، مېسسى بىلەن 2012 – يىلغىچە بولغان خىزمەت توختامى تۈزگەن. لېكىن ئۇلار خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىدىكى 20 ياشقا توشمىغان تەنھەرىكەتچى كۇلۇپ بىلەن بەش يىلدىن يۇقىرى توختام تۈزۈشكە بولماسلىقتەك بەلگىلىمىنى ئۇنتۇپ قالغان. شۇنىڭدىن بېرى بۇ ئارگېنتىنالىق بالا چولپان ئىسپانىيە ۋە ياۋروپا ھەم پۈتۈن دۇنيا پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنى ئۆزىگە لال قىلىپ كەلمەكتە.

      2011 – يىلى 16 – نويابىر، ئىسپانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيتى بارسېلونا كۇلۇبى ھۇجۇمچىسى ئارگېنتىنالىق تەنھەرىكەتچى مېسسىغا نىسبەتەن ئالاھىدە بىر كۈن. يەنى بۇ كۈن مېسسىنىڭ بارسېلونا بىرىنچى كوماندىسىغا قېتىلغان سەككىز يىل بولغان تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن. يەنى 2003 – يىلى 16 – نويابىر ئەينى ۋاقىتتىكى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى لېجىكارد تۈنجى قېتىم مېسسىنى مەيدانغا چىقارغان.

      ئەينى ۋاقىتتا ئىسپانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بارسېلونا كۇلۇبى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن بورتو كوماندىسى مەيدانىدا بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان. ئۇ مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا كوماندىسى 0:2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، بۇ مېسسىنىڭ نارسېلونا كوماندىسىدىكى تۈنجى مەيدان مۇسابىقىسى بۇلۇپ قالغان. مۇسابىقە باشلىنىپ 74 مېنۇت بولغان ۋاقىتتا مېسسى باش تىرېنېر تەرىپىدىن سەپلىمە ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىرىلغان. يەنە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى، ئەينى ۋاقىتتا بورتو كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى ھازىرقى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى مۇرىنئو ئىدى. بۇ باش تىرېنېرمۇ سەككىز يىل جەريانىدا، ئەنگلىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى، ئىتالىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق داڭلىق بىرلەشمىلەرنى قايىل قىلدى. ئەمدىلىكتە بولسا ئىسپانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىگە كېلىپ خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىغا تىرېنېرلىق قىلىش جەريانىدا، بارسېلونا كۇلۇبى ھەمدە ئۇنىڭ بىرىچى نومۇرلۇق توپچىسى مېسسى بىلەن ھايات – ماماتلىق رەقىبلەردىن بولۇپ قالغان.

      2004 –يىلى 10 – ئايدا باسېلونا كۇلۇبى بىلەن ئىسپانىيە ئادىمى كۇلۇبى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە 17 ياشلىق مېسسى ئىسپانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىدىكى ئەڭ كىچىك ماھىر بولۇپ قالغان. 2005 – يىللىق، 2006 – يىللىق مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە ئۇ رەسمىي ھالدا كەسپىي توختام ئىمزالىغان. ھەمدە ئۈچ ئايدىن كېيىن مېسسى ياۋروپا ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى ھازىرقى رۇنى بىلەن C لوناردولار ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولغان.

      24 ياشلىق مېسسى ھازىر زادى قايسى دەرىجىگە يېتىپ كەلدى؟ بۇ پەقەت باشقىلار ئويلاپ يىتەلمەيدىغان سۇئال بولۇپ قالدى. ھازىر ئۇنى كىشىلەر ئەينى ۋاقىتتىكى مارادونا بىلەن سېلىشتۇرىدىغان بۇلۇپ كەتتى، ھەمدە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئېلان قىلغان پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ نادىر 11 تەنھەرىكەتچى نامزاتىدا ئۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلگەن. مېسسى بارسېلونا كۇلۇبىدىكى بۇ سەككىز يىل مابەينىدە 17 چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن. يەنى بەش قېتىم ئىسپانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ چېمپىيونى، بىر قېتىم پادىشاھ لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى، ئۈچ قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇن لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى، ئىككى قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى كوماندىلارمۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى، بەش قېتىم ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى كوماندىلارمۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى، ھەمدە بىرقىېتىم دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان. مۇشۇ نەچچە يىلدىن بۇيان مېسسى مۇنتىزىم مۇسابىقىلەردە 200 گە يېقىن توپ كىرگۈزۈپ دۇنيادا 2 – ئورۇندا تۇرغان. ھەمدە بۇ جەرياندا، بىر قېتىم خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا، بىر قېتىم ياۋروپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بىر قېتىم دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولغان، تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋروپادىكى مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى، ئۈچ قېتىم ئىسپانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ باھالانغان.

 

مەنبە: شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تەھرىر: ئىلمىنۇر