باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

ھويلامدىكى ئۈجمە دەرىخى

(ھېكايە)

رەشىدە سېيىت

      ھويلىمىزدا ناھايىتى يوغان بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخى بار ئىدى. ھەر يىلى ئەتىياز كېلىشى بىلەن ئۇنىڭ قاتتىق قوۋزاقلىرىدىن بىخ يوپۇرماقلار چىقىپ ھويلىمىز يېشىللىققا پۈركىنەتتى. تاڭ سەھەردە قۇشلار سايرىشىپ ھويلىنى بىر ئالاتتى. ئۈجمە دەرىخىنىڭ غولى ناھايىتى يوغان بولۇپ يىلتىزىنىڭ نەلەرگە تۇتاشقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. بوۋام ھەر كۈنى ئۈجمە سايىسىغا ئورۇندۇقىنى قويۇپ ئۇنىڭ قاتتىق قوۋزاق قاپلىغان غولىغا، چوڭ شاخلىرىغا قاراپ خىيالغا كېتەتتى. بەزىدە گېزىت ئوقۇپ تالغان كۆزلىرىنى ئۈجمىنىڭ باراقسان كۆكلەپ كەتكەن يېشىل نوتىلىرىغا، ياپراقلىرىغا تىكىپ ئارام ئالغۇزاتتى ھەم سايراۋاتقان قۇشلارنى نامى بىلەن ساناپ بېرەتتى. ھويلىمىز ناھايىتى قەدىمىي ھويلا بولۇپ سېلىنىشىمۇ ئۆزگىچە ئىدى. ھويلىنىڭ ئىككى قاناتلىق چوڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ تار كوچىدا خېلى ماڭغاندىن كېيىن ھويلىغا كىرەتتۇق. ھويلىمىزدا ئوتۇنخانا، ئاشخانا، تونۇر بار ئىدى. ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىدىغان پەلەمپەينىڭ يېنى سۇپا شەكلىدە يۇقىرىغا ئۆرلىتىپ ياسالغان بولۇپ سۇپىغا سۆگەتگۈل، رەيھان، سەبدەگۈل، لالە، چىنىگۈل، ياسىمەن، نامازشام گۈل قاتارلىق گۈللەر تەشتەك – تەشتەكلەرگە كۆچۈرۈلۈپ قاتار تىزىۋېتىلەتتى. ئۈجمە ياپراق چىقارغاندىن كېيىنلا گۈللەرمۇ بەس – بەستە ئېچىلىپ ھويلىنى ناھايىتى چىرايلىق قىلىۋېتەتتى. مومام ھەر كۈنى گۈللەرگە سۇ قۇيۇپ، ئوغۇتلاپ پەرۋىش قىلاتتى. ھەممىدىن چىرايلىق ئېچىلىدىغىنى ۋادەككە ياماشتۇرۇلغان ھەشقىپىچەك ئىدى. ئۇ تاڭ سەھەردە ئېچىلغىلى تۇرسا يېرىم كېچىگىچە توختىماي ئېچىلاتتى. ھەتتا ئېگىز ئۆگزىگە سايە تاشلىغان ئۈجمە شاخلىرىغىچە يامشاتتى.

      بۇ ئۈجمە دەرىخى ئائىلىمىزنىڭ ئەجداد دەرىخى ئىدى. ھەر قېتىم ئۈجمە پىشقاندا ئۇرۇق – تۇغقانلار ھويلىمىزغا جەم بولاتتى. يوغان داستىخاننى تۇتۇپ ئۈجمىلەرنى ئىرغىتقاندىن كېيىن جانان تەخسىلەرگە ئېلىپ خۇشال – خۇرام يېيىشەتتى. قوي سويۇپ شورپا، كاۋاپ قىلاتتى. ئۈجمە تۈگىگەنگە قەدەر ھويلىمىزدىن مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. مەھەللىمىزنىڭ بالىلىرىمۇ ھويلىمىزدىكى ئۈجمىنىڭ ھەربىر شېخىغىچە ئېنىق بىلەتتى. ئۆزلىرى يەپ بولالمىغان ئۈجمىنى تاۋاقلارغا، چىنىلەرگە تېرىپ ئېلىپ چىقىپ كېتەتتى.

      تولىمۇ ئەپسۇس، بالىلىق قەلبىمدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بۇ ئۈجمە دەرىخىدىن ھازىر ئايرىلىپ قالدىم. بوۋام، موماملار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئانامنىڭ تۇغقانلىرى بۇ ھويلىنى بۆلۈشمەكچى بولدى. ئۇ چاغلاردا مەن مىراس دېگەننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتىم. بەزىدە مىراس تالىشىپ بولۇۋاتقان جېدەل – ماجرالار قۇلىقىمغا كىرىپ قالاتتى. كىچىك بولساممۇ شۇنداق چوڭ، ئىناق ئائىلىنىڭ مىراس تۈپەيلىدىن بىردەمدىلا ئۇرۇش قاپلىغان كونا قەلئەگە ئوخشاپ قالغانلىقىغا قاتتىق ئېچىنغانىدىم. ئۇلارنىڭ بۇ ھويلىنى سېتىۋېتىشىنى ئەسلا خالىمايتتىم. مېنىڭ نېمە ئامالىم، ھويلىمىز ئاخىر باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. مەن قونچاق ئوينايدىغان پېشايۋان، ھەر يىلى يازدا نوتىسىنى ئېگىپ ئاپئاق مەرۋايىتتەك ئۈجمىسىنى تېرىپ يەيدىغان ئۈجمە دەرىخى باشقىلارنىڭ بولۇپ كەتكەنىدى. مەن ئۇ ھويلىدا قالغان بالىلىق ھاياتىمنى ئىزدەيتتىم، سېغىناتتىم، ئۇنىڭ ئىللىق باغرىدا بالىلىق تۇيغۇلىرىم بىلەن خىيالەن ئوينايتتىم.

      ھازىر خېلى چوڭ بولۇپ قالدىم. ئۈجمىلىك ھويلامغا كىرىدىغان يول ئېغىزىغا بېرىپ قالسام ئۇنىڭ يېشىللىققا چۆمگەن بەستىنى تولۇق كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن بوينۇمنى سوزۇپ ئۇزاق قاراپ كېتىمەن. ئۈجمىنىڭ ھەر بىر ياپرىقىدا بالىلىق چاغلىرىمنىڭ خاتىرىسى بار. ئۇنىڭ زېمىن باغرىغا مەھكەم ئورناپ كەتكەن يىلتىزلىرى ئائىلە دەرىخىمىزنىڭ ئۇلى ئىدى. بوۋام ھايات چاغلىرىدا ئۇنىڭدىن:

      — بوۋا، بۇ ئۈجمە دەرىخىنى سەن قويغانمۇ؟ — دەپ سورىغانىدىم، بوۋام:

      — نېمىلەرنى دەيدىغانسەن، بۇ ئۈجمە دەرىخىنى بوۋامنىڭ بوۋىسى قويۇپتىكەن. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ غولى باش بارماقتەك، بويى سېنىڭ بويۇڭدەك بار ئىكەن. بۇ ئۈجمىنىڭ دەسلەپكى مېۋىسىگە ئېغىر تەگكەنلەرنىڭ قۇيرۇقىنى قۇم بېسىپ بولدى. مانا ھازىر ئۇنىڭ ئالتىنچى خوجىسى يەنى سېنىڭ چەۋرەڭنىڭ دەۋرىگە بارغاندىمۇ بۇ ئۈجمە دەرىخى يەنە مۇشۇنداق مەزمۇت تۇرىدۇ. ئانامنىڭ دەپ بېرىشىچە ئۇنىڭ شېخى شۇنچە يىللاردىن بېرى بوراندا ئاران بەش قېتىم سۇنۇپتىكەن. ئۈجمىنىڭ شېخى ئاخىرقى قېتىم سۇنغان چاغ ئېسىمدە. ئۇ چاغدا مەن ئون ياشتا ئىدىم. ئەتىگەندىن كەچكىچە چىققان كۈزنىڭ قارا بورىنى ئۈجمىنىڭ ناھايىتى يوغان بىر شېخىنى سۇندۇرۇۋەتتى. شۇ كېچىسى ئانام، بوۋام، موماملار چۈشۈمگە كىرىپ زادى ئۇخلىيالمىدىم. ئەتىسى مەھەللىمىزدىكى ئاسىم ئاخۇن دۇتارچى ئۈچ تىللانى ئەكىرىپ ئۈجمە ياغىچىنى ئون ئادەمگە كۆتۈرگۈزۈپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى ھەم قوشنىمىزنىڭ ئۈجمە شېخى يىقىلغاندا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن تېمىنى ئوڭشاپ بەردى. كۆردۈڭمۇ، ئەنە ئاۋۇ نوتىلار ئاشۇ چاغدا يىرىلىپ كەتكەن شاخ ئورنىدىن كۆكلەپ چىققان، — دېگەنىدى.

      چوڭ بولغانسېرى بەزى ئىشلار ئىدىيەمدىن ئۆتسىمۇ بەزى ئىشلار ئۆتمىدى. ‹‹ئۇرۇق – تۇغقانلار قانداش، دىلداش تۇرۇپ نېمىشقا ئازغىنە پايدا – مەنپەئەتنى دەپ بىر – بىرى بىلەن ئۇرۇشىدىغاندۇ؟ پۇل، مال دېگەنلەر قېرىنداشلىق مېھرىدىنمۇ مۇھىممىدۇ؟›› دېگەن سوئاللار كاللامغا كىرىۋالدى، بەلكىم بۇلارغا جاۋاب تېپىشىم ئۈچۈن يەنە چوڭ بولۇشۇم كېرەكتۇ. لېكىن، ھويلىمىزدىكى ئاشۇ ئۈجمە دەرىخىنىڭ خاسىيىتى، قىممىتى قەلبىمدىن ھەرگىز ئۆچمەيدۇ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغىنىمنى ئويلىسام كۆزلىرىمگە ياش كېلىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر