باش بەت | چولپانلار

ساھىبجامالنىڭ ئۆلۈمى

      (1986 – يىلى تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى ئىشلىگەن شۇ ناملىق فىلىم ھەققىدە)

      بۇ ۋەقە بۇنىڭدىن 300 يىل ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گۈزەل يەكەن دەرياسى بويىدا يۈز بەرگەن.

      دەل – دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان، جىمجىتلىققا چۆمگەن قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى قەلئە ئىچىدىكى كاتتا بىر ئىمارەت ھەسەنباي ئولتۇراتتى. ئايۋاننىڭ ئىشىكى ئاستا ئېچىلىپ، ئاپئاق ئۇزۇن كۆينەك كىيگەن، يۈزىگە ئاقۇچ چۈمبەل تارتىۋالغان، قەددى – قامىتى كېلىشكەن مەريەم خېنىم چىقىپ كېلىدۇ. بىر نەۋرە ئاكىسى ئېلىنىڭ ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولۇشى مەريەم خېنىمنى چۆچۈتۈۋېتىدۇ. ئۇ ئەتەي چۈمبىلىنى ئاچىدۇ. مەريەم خېنىمنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەن ئېلى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئارىلىقتا ساراڭ بولۇپ قالىدۇ.

 

      ئەسلى ئىش مۇنداق ئىدى: ئىككى يىل بۇرۇن ھەسەنباي بىتاپ بولۇپ يېتىپ قېلىپ، قول ئىلىكىدىكى بايلىقنى ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن قىزى مەريەمگە مىراس قىلىپ بەرمەكچى بولىدۇ ھەمدە جامائەت ئالدىدا ۋەسىيەت قىلىدۇ. جامائەت بۇنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئەمما مەريەمنىڭ ئۆگەي ئانىسى لالەگۈل ساراسىمىگە چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ ئايال كۆرۈنۈشتە مۇلايىم بولغىنى بىلەن ئىچكى دۇنياسى ئىنتايىن يىرگىنىچلىك ئىدى. ھەسەنباينىڭ ۋەسىيىتى بۇ ئايالنىڭ بارلىق مال – مۈلۈكنى ئۆز چڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىشتەك شۇم نىيىتىنىڭ يىلتىزىغا پالتا چاپىدۇ. شۇڭا ئۇ بەدنىيەتلىك قىلىپ، رەزىل ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سالىدۇ...شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە مەريەم جېنىمنىڭ ھۇجرىسىغا تۇيۇقسىز ‹‹ئوت كىتىپ››، مەريەم خېنىمنىڭ يۈز – كۆزى كۆيۈپ، چىرايى پۈتۈنلەي نابۇت بولىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ مەريەم خېنىم گۈلدەك ھۆسنىدىن، ئەركىنلىكتىن ئايرىلىپ قالىدۇ، لالەگۈل قەلئەنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئاستىرتتىن كونترول قىلىۋالىدۇ. ھەسەنباي مەريەمگە پەرىدە ئىسىملىك چىرايلىق، ساددا بىر قىزنى دېدەك قىلىپ قوشۇپ قويىدۇ.

     قۇربان ھېيتتا، يۇنۇس بەگ ئائىلىسىدىكىلەر ھەسەنباينىڭ قەلئەدىكى ئۆيىگە ھېيتلاپ كېلىدۇ. بەگزادە قەيسەر يۈزىگە چۈمبەل ئارتىۋالغان مەريەم خېنىمنىڭ بەش يىل ئىلگىرى ئاققۇ كۆلى بويىدا ئوۋ ئوۋلىغان ۋاقتىدا ئۇچرىشىپ قالغان قىز ئىكەنلىكىنى پەملەپ قالىدۇ. شۇ چاغدا قەيسەر ئۇنى ئەمرىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئەمدى ئۇ ئۆز ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي يۇنۇس بەگنىڭ ئۆيىدىن ھەسەنباينىڭ ئۆيىگە ئەلچى كېلىدۇ. ھەسەنباي قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ. بۇ چاغدا لالەگۈل بەتنىيەتلىك قىلىپ بىر سۈيقەست پىلانلايدۇ. ئۇ مەريەمنى تاققا چىقىرىپ ئارام ئالدۇرۇش نامى بىلەن ھەسەنباينى ئالداپ، مەريەمنى ئادەم ئاياغ باسمايدىغان، قۇم – بوران ئۈزۈلمەي چىقىدىغان بىر چۆلگە ئاپىرىپ تاشلايدۇ، ئارقىدىن پەرىدەنى ‹‹مەريەم خېنىم›› بولۇشقا مەجبۇرلايدۇ.

      توي كۈنى يېقىنلاپ كېلىدۇ، پەرىدە ئۆلۈۋېلىش قارارىغا كېلىپ، ئەينى ئەھۋالنى بەگزادە قەيسەرگە ئۇقتۇرۇپ قويۇپ زەھەر ئىچىۋالىدۇ... قەيسەر: ‹‹ئاھ خۇدا، ئالۋاستىلارنىڭ جاجىسىنى بەرگەيسەن!›› دەپ غەزەپ بىلەن خىتاب قىلىدۇ. قەيسەر پاناسىز چۆلنى كېزىپ يۈرۈپ ئاخىرى مەريەمنى تاپىدۇ. بىراق مەريەم نابۇت قىلىنغان چىرايىنى قەيسەرگە كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىشنى خالىماي، ئۆزىنى ئېگىز تۇرادىن تاشلاپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. قەيسەر مەريەمنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ قۇملۇقنىڭ ئىچىگە قاراپ مېڭىپ كېتىدۇ...

 
 
 
 
 
 

      ئالۋاستىنىڭ سۈيقەستى ئاخىر بەربات بولىدۇ. لالەگۈل قەلئە ئىچىدىكى ھۇجرىسىدا ئوت دېڭىزىدا كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىدۇ.

تەييارلىغۇچى: تۇردى قاسىمى.

 

مەنبە: شىنجاڭ سەنئىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر