باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

قىشتا قۇۋۋەت تولۇقلاشتا...

      قىش پەسلى قۇۋۋەت تولۇقلاشنىڭ ياخشى پەيتتى، بۇ مەزگىلدە چوڭلارنىڭ قۇۋۋەت تولۇقلىشى ئوڭاي بولغىنى بىلەن، بالىلارغا قۇۋۋەت تولۇقلاش سەل تەسكە توختايدۇ، ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، كىچىك بالىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى يۇمران خىلىتلىرىنىڭ ئايلىنىشى تولۇق ئەمەس، ھەرقايسى ئەزالىرى پۈتۈنلەي يېتىلمىگەچكە، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى چوڭلارغا قارىغاندا خېلىلا تۆۋەن، ئادەتتە تېنى ئاجىز، ئاسان زۇكامدايدىغان، ئاغرىق سەۋەبلىك تېنى ئاجىزلاپ كەتكەن بالىلارغا مۇۋاپىق مىقدارىدا قۇۋۋەت تولۇقلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

      دورىلىق شورپا ئىچكۈزۈش. قۇۋۋەت تولۇقلاش تىلغا ئېلىنغاندا، دورىلىق شورپا ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ خىل ئۇسۇل بالىلارغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستا، تامىقى ئاز، كەم ماغدۇر بالىلارغا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بەدەن ساپاسىغا ماس كېلىدىغان دورىلارنى قاينىتىپ ئىچۈرسە بولىدۇ.

      مەلھەملىك دورىلارنى يېگۈزۈش. مەلھەملىك دورىلارنى قىش پەسلىدە يېيىش ئەڭ مۇۋاپىق، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن دوختۇرلارنىڭ بەلگىلەپ بەرگىنى بويىچە ئەتىگەن ۋە كەچتە يېگۈزسە بولىدۇ. بۇ خىل دورىلارنى ئادەتتە ئاچ قورساق يېگەندە، سۈمۈرۈلۈشى تېز بولىدۇ.

      قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى يېگۈزۈشمۇ ياخشى تاللاش. يەنى گۆش تۈرىدىكى تاماقلارنى مۇۋاپىق ھالدا زورلاپ يېگۈزۈش، پات – پات قوي گۆشى شورپىسى ئىچۈرۈش، قورۇغان تاماقلارنى ئىمكان بار ئاز بېرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا بالىلارنى زىيادە چارچىتىۋەتمەسلىكى ھەمدە ئۆينىڭ مۇھىتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي