باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى بالىلارغا قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك

(2012 – يىل 12 – ئاي)

      پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى مەملىكىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتىن ئىبارەت ھەل قىلغۇچ باسقۇچتا ئېچىلغان مۇھىم يىغىن. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسى ۋەزىپىسىدۇر. پىيونېرلارغا پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش ھەربىر تەربىيەچىنىڭ زۆرۆر دەرسلىكىدۇر.

بىرىنچى، نېمىنى سۆزلەش كېرەك؟ قانداق قىلغان مەنىلىك ھەم قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلىگىلى بولىدۇ؟

      پىيونىرلارئەترىتى جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرغان ۋە رەھبەرلىك قىلىدىغان ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى بولۇپ، پارتىيەگە ئىشەنچىلىك ئىزباسارلارنى تەربىيەلەپ بېرىشتەك سىياسى ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۆسمۈر – بالىلارغا پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىشتا ھەرقايسى ياشتىكىلەرنىڭ تەپەككۇر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن كونكرېت شەخسلەر، جانلىق ۋەقەلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا، يېشىغا، چۈشىنىشىگە ماس كېلىدىغان مەزمۇنلارنى تاللاپ، ئۇلار ‹‹كۆرەلەيدىغان، چۈشىنەلەيدىغان، ئېسىدە قالىدىغان›› ئۇسۇللار ئارقىلىق 18 – قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش لازىم. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى پىيونېرلارنى باشلانغۇچ مەكتەپ تۆۋەن يىللىقلار باسقۇچى (1 – يىللىقتىن 3 – يىللىققىچە)، ئوتتۇرا يىللىقلار باسقۇچى (4 – يىللىقتىن 6 – يىللىققىچە)، يۇقىرى يىللىقلار باسقۇچى(تولۇقسىز 1– يىللىقتىن 2 – يىللىققىچە)دىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا ئايرىپ نىشانلىق، نۇقتىلىق ھالدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش لازىم.

      ئۆسمۈر – بالىلارغا پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چۈشەندۈرۈشتە تۆۋەندىكى ئون جەھەتتىن تەكلىپ بېرىمىز.

      (1) پارتىيەنىڭ ئوبرازىنى ھېس قىلىش

      1. پارتىيەنىڭ ئوبرازى دېگەن نىمە؟

      پارتىيىنىڭ خاراكتېرى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارات ئەترىتى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئاۋانگارات ئەترىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى، ئۇ جۇڭگودىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە، جۇڭگونىڭ ئىلغار مەدەنىيەتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە، جۇڭگودىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. پارتىيەنىڭ ئەڭ ئالىي غايىسى ۋە ئاخىرقى نىشانى كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

      پارتىيەنىڭ سىمۋولى ۋە بەلگىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بايرىقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىمۋۇلى ۋە بەلگىسىدۇر. بايراق قىزىل رەڭلىك بولۇپ، ئۈستىگە سېرىق رەڭلىك پارتىيە گېربى چۈشۈرۈلگەن. قىزىل رەڭ ئىنقىلابقا، سېرىق رەڭلىك بولقا، ئورغاق ئىشچى – دېھقانلارنىڭ ئەمگەك قورالىغا ۋەكىللىك قىلىنىپ، جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارات ئەترىتى ئىكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

      جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بەلگىسى ئورغاق بىلەن بولقىدىن تەركىپ تاپقان رەسىم بولۇپ، رەسىم سېرىق رەڭلىك. ئورغاق بىلەن بولقا ئىشچىلار سىنىپى ۋە دىھقانلارنىڭ ئەمگەك قورالىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارات ئەترىتىگە سىمۋول قىلىنغان بۇلۇپ، ئشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. سېرىق رەڭ يورۇقلۇققا سىمۋول قىلىنغان.

      2. ھېسسىي بىلىش دېگەن نېمە؟ (چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش)

      ھېسسىي بىلىش، تۇيغۇ ئەزالىرى ئارقىلىق ھېس قىلىش ۋە بىۋاسىتە سېزىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. مەسىلەن، بىر ناتونۇش ئادەمگە يولۇققاندا بەزىلەر بۇ ئادەمنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالىسا، يەنە بەزىلەر پەقەتلا ئۇنىڭ تۇرقىنىڭ قانداقلىقىنىلا ھېس قىلالايدۇ، ئالدىنقىسى بىۋاسىتە سېزىم بولسا كېيىنكىسى تۇيغۇ ئەزالىرى ئارقىلىق ھېسسىي بىلىش بولىدۇ؛ ھېسسىي بىلىشكە ماس بولغان بىلىش بولسا شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىگە تېخىمۇ يېقىن بولۇپ، شەيئىلەر توغرىسىدا ئاللىبۇرۇن مەلۇم دەرىجىدە تونۇشقا ئىگە بولغانلىقىنى ياكى مەلۇم كۆز – قاراشنىڭ شەكىللىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەمنىڭ ھېسسىي بىلىش نەتىجىسىنى بەلگىلەيدىغان يەنە بىر ئامىل ئادەمنىڭ ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى بولۇپ، ‹‹ئىدراك›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ئىقتىدار شەيئىنىڭ ماھىيىتىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە ھېس قىلالايدۇ.

      3. بالىلارنى پارتىيەنىڭ ئوبرازىنى ھېسسىي بىلىشكە قانداق يېتەكلەش لازىم؟

      (1) تۆۋەن يىللىقلار باسقۇچى: شەيئىي، شەخس ۋە ۋەقەلىك ئوبرازى بويىچە چۈشەندۈرۈشكە تەكلىپ

      شەيئى ئوبرازى: بالىلارنى دۆلەت بايرىقى، پارتىيە بايرىقى، قوشۇن بايرىقى، ئىتتىپاق بايرىقى، ئەترەت بايرىقى بىلەن تونۇشۇشقا يېتەكلەش؛ دۆلەت بايرىقى، پارتىيە بايرىقى، ئىتتىپاق بايرىقى، شۇنىڭدەك دۆلەت گېربى، پارتىيە گېربى، ئىتتىپاق گېربى، ئەترەت گېربى بىلەن تونۇشۇشقا يېتەكلەپ، پارتىيە، ئىتتىپاق، ئەترەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈش.

      شەخسلەر ئوبرازى: A. بالىلارنى ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋدىن ئىبارەت تۆت ئەۋلاد پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى شۇنىڭدەك جياۋ يۈلۇ، لېي فېڭ، يۇەن لۇڭپىڭ قاتارلىق ھەر ساھە، ھەر كەسپلەردىكى دەۋر ئاۋانگارتلىرى بىلەن تونۇشۇشقا يېتەكلەش. B. ئەتراپىمىزدىكى مۇنەۋۋەر كىشىلەر ئوبرازى: مەسىلەن، ‹‹ئەڭ گۈزەل ئوقۇتقۇچى — جاڭ لىلى››، ‹‹ئەڭ گۈزەل ئانا — ۋۇ جۈپىڭ››، ئۇيغۇر يىگىتكە بۆرەك تەقدىم قىلىپ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ۋاڭ يەننا، ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قالغىنىغا قارىماي خەنزۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى قۇتۇلدۇرغان غېنى جۈمە، ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي دەرياغا سەكرەپ باشقىلارنى قۇتقۇزغان جىڭجۇ كەسپىي ئىنىستېتۇتى پەرۋىش قىلىش كەسپىدە ئوقۇۋاتقان سىتودېنت مەردان روزى، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ بىجې شەھىرىدە كاۋاپچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ كەمبەغەل ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بەرگەن ‹‹شىنجاڭلىق ياخشى يىگىت›› — ئالىم خالىق قاتارلىقلار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ سۆيۈشىمىزگە، ھۆرمەتلىشىمىزگە ۋە ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان ئاۋانگارت نەمۇنىچىلاردۇر.

      پارتىيە ۋەكىللىرى ۋە ئىلغار نەمۇنىچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاكتىپ، ساغلام، مۇنەۋۋەر خاراكتېرى ۋە ھېسسىياتى ئارقىلىق پىيونېرلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇلار بۇ پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاۋانگارات نەمۇنىچىلارنىڭ كونكرېت ھەم تەسىرلىك ئوبرازىدىن پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقى، ئالىي جانابلىقى، ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىلىدۇ؛ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن پارتىيەگە ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ، پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدۇ، پارتىيەگە ئەگىشىدۇ؛ پىيونېرلارنى كىچىكىدىن تارتىپ ياخشى پىيونېر بولۇپ، چوڭ بولغاندا ياخشى ئاۋانگارات بولۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.

      ۋەقەلىك ئوبرازى: پىيونېرلارنى پارتىيە 1 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پارتىيەگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش.

      (2) ئوتتۇرا يىللىقلار باسقۇچى: ۋەقەلىك ئوبرازى ۋە نەتىجە ئوبرازىنى ئاساس قىلغان ھالدا چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە تەكلىپ

      ۋەقەلىك ئوبرازى: مەسىلەن، پىيونېرلارغا پارتىيە 1 – قۇرۇلتىيى، 1 – ئاۋغۇست نەنچاڭ قوزغېلىڭى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشى، پارتىيە 11– نۆۋەتلىك 3 – ئومۇمىي يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ ۋەقەلىكلەرنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پارتىيەگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. (تارىخ نۇقتىسىدىن مىسال كەلتۈرۈلىدۇ)

      نەتىجە ئوبرازى: مەسىلەن، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىكى سۈرەتلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق پىيونېرلارنى جۇڭگو خەلقى دەست تۇردى، بىز ئەمدى باشقا دۆلەتلەرگە بوزەك بولمايمىز، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز خوجايىن بولىمىز، دېگەن سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى جەمئىيەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ تەدرىجىي بېيىۋاتقانلىقى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يېمەك – ئىچمەك مەسىلىسىنىڭ ئاساسى جەھەتتىن ھەل بولۇپ ھاللىق سەۋىيەگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈش لازىم.

      (3) يۇقىرى يىللىقلار باسقۇچى: نەتىجە ئوبرازى ۋە باسقۇچ ئوبرازىنى ئاساس قىلغان ھالدا چۈشەندۈرۈشكە تەكلىپ

      نەتىجە ئوبرازى: پىيونېرلارغا پارتىيەنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىغا رەھبەرلىك قىلىپ ئۈچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانلىقى، بۇرژۇئازىيە سانائىتىگە سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى كەسپلىرىنى ئۈچقاندەك راۋاجلاندۇرغانلىقىدەك پارتىيەنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش لازىم.

      باسقۇچلۇق ئوبراز: پارتىيە 1 – قۇرۇلتىيى، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى، پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك 3 – ئومۇمىي يىغىنى قاتارلىق يىغىنلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق پىيونېرلارنى پارتىيە تارىخىدا ئېچىلغان مۇھىم يىغىنلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ پارتىيەگە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتىنى كۈچەيتىش.

      چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق پىيونېرلار قەلبىدە شۇنداق بىر ئېنىق ئومومىي رامكىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەككى، پىيونېرلار كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى قورامىغا يەتكەن ئىلغار كىشىلەردىن تەركىپ تاپقانلىقى، ئۇلارنىڭ ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردە باشلامچىلىق بىلەن ئالدىدا ماڭىدىغانلىقى، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاۋام ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى، پارتىيەمىزنىڭ دۆلىتىمىزگە رەھبەرلىك قىلىدىغان سىياسىي پارتىيە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى لازىم.

      ‹‹بالىلارنى پارتىيەنىڭ ئوبرازىنى ھېسسىي بىلىشكە قانداق يېتەكلەش لازىم›› دېگەن مەزموننى سۆزلىگەندە، ‹‹شەخسلەر ئوبرازى››، ‹‹شەيئىي ئوبرازى››، ‹‹ۋەقەلىك ئوبرازى››، ‹‹نەتىجە ئوبرازى››، ‹‹باسقۇچلۇق ئوبراز›› قاتارلىق ئۇسۇللار بويىچە ئوخشىمىغان ياشتىكىلەرگە ئايرىپ چۈشەندۈرۈش لازىم. تەربىيەچىلەر پىيونېرلارغا يېشىپ چۈشەندۈرگەندە ئوخشاش بىر تارىخىي ھېكايىنى، ئوخشىمىغان ياش باسقۇچتىكى پىيونېرلارنىڭ مەزمۇن ئىگىلەش ئەھۋالىغا قارىتا، ۋەقەلىكنىڭ ئۇزۇنلۇق ۋە چوڭقۇرلىقىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ سۆزلەش ئارقىلىق تەربىيەۋى ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم.

      (2) پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى بىلىش

      ئەھمىيىتى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى مەملىكىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويغانلىقىدەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچتا ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، پارتىيە، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتا چوڭقۇر تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 18 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە چوقۇم ئاساسىي تەلەپنى پۇختا ئىگىلەش، يېڭى دەۋر شارائىتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئوموميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرمىسى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىك سەۋىيەسىنى ئوموميۈزلۈك يوقىرى ئۆستۈرۈشكە قارىتا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دوكلاتتا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشتەك ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇش پىلاننى سۈرەتلەپ، پارتىيە ۋە دۆلىتىمىز ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىشىغا ئېنىق نىشان بەلگىلەپ بەردى.

      قانداق قىلغاندا پىيونېرلار پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنەلەيدۇ؟

      1. تۆۋەن يىللىقلار باسقۇچى: نۇقتىلىق ھالدا ‹‹بۇرۇن ۋە ھازىر››دىن ئىبارەت سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش

      (1) ئۆزگىرىشنى تېپىش: مەسىلەن، پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەر سانىنىڭ ئۆزگىرىشى (پارتىيە 1 – قۇرۇلتىيىغا نەچچە ۋەكىل قاتناشقان، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىغا نەچچە ۋەكىل قاتناشتى)؛ ۋەكىللەر تەركىپلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى (ئىشچى– دېھقان؛ ئەر– ئايال نىسبىتىدىكى پەرق) قاتارلىقلار. پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، 90 نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىسىدىكى بۇ قېتىملىق قورۇلتاينىڭ 18 – قۇرۇلتاي ئىكەنلىكىنى بىلىش قاتارلىقلار.

      (2) ۋەكىللەرنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلىش: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسلىق يىغىن زالى، خىزمەت دوكلاتى، سايلام بېلىتى، سىياسى بىيۇرونىڭ دائىمىي ئەزالىرى قاتارلىقلارنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈش ئارقىلىق ۋەكىللەرنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى، پارتىيە يىغىنىنىڭ ئۆتكەن ئىشلارنى خۇلاسىلاپ، كەلگۈسىنى پىلانلايدىغانلىقىنى بىلىش.

      (3) پىيونېرلارغا ئۆزىنىڭ ئورنىنى بىلدۈرۈش: پىيونېرلارغا ئۆزىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا يىللىققا چىققاندا ئىتتىپاق ئەزاسى، قورامىغا يەتكەندە پارتىيە ئەزاسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە، ئىتتىپاق، ئەترەتنىڭ باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش.

      2. ئوتتۇرا، يۇقىرى يىللىقلار باسقۇچى : نۇقتىلىق ھالدا ‹‹ئۇلار ۋە بىز›› توغرىسىدا سۆزلەش

      پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان شىنجاڭلىق ۋەكىللەرنى مەكتەپلەرگە لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش. مەسىلەن، ‹‹مەن ۋە پارتىيە 18 – قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى بىلەن بىللە›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، پىيونېرلارنى ۋەكىللەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلاش قاتارلىقلار.

      18 – قۇرۇلتايغا مۇناسىۋەتلىك پىروگرامما ۋە رەسىملەرنى چۈشۈرۈش. مەسىلەن، كىچىك مۇخبىرلار قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پىيونېرلارنىڭ پائالىيەت داۋامىدا پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش.

      (3) پىيونېرلارغا قانداق بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، قانداق يول بىلەن مېڭىشنى بىلدۈرۈش

      مۇھىم نۇقتا: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش. بايراق كىم بىلەن مېڭىش مەسىلىسىنى، يول نەگە بېرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.

      1. تۆۋەن يىللىقلار باسقۇچى: بىۋاسىتە ئوبراز شەكلى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە تەكلىپ. مەسىلەن: ھېكايە سۆزلەش شەكلى ئارقىلىق ‹‹بەش بايراق›› (دۆلەت بايرىقى، پارتىيە بايرىقى، ئارمىيە بايرىقى، ئىتتىپاق بايرىقى، ئەترەت بايرىقى)نىڭ ھېكايىسى ۋە تارىخىنى سۆزلەش، دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت شېئىرى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى نۇقتىلىق چۈشەندۈرۈش.

      2. ئوتتۇرا يىللىقلار باسقۇچى: پارتىيەنىڭ مۇھىم تارىخىي ۋەقەلىكلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە تەكلىپ. مەسىلەن، پارتىيەنىڭ 1 – قۇرۇلتىيى، زۇنيى يىغىنى، 11 – نۆۋەتلىك 3 – ئومۇمىي يىغىنى قاتارلىق كومپارتىيەنىڭ تەرەققىيات ھېكايىلىرىنى چۈشەندۈرۈش.

      3. يۇقىرى يىللىقلار باسقۇچى: سىياسەت دەرسىگە، شۇنىڭدەك ئۆسمۈرلەر ئىتتىپاق مەكتىپىگە بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈشكە تەكلىپ. ئۇلارغا نېمىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم، نېمىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقى، نېمىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش.

      بۇ قىسىمدا پارتىيە تارىخىنىڭ تەرەققىيات ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ ‹‹بىز قانداق بايراق كۆتۈرىمىز، قايسى يولدا ماڭىمىز›› دېگەن مەسىلىلەر چۈشەندۈرىلىدۇ.

      (4) ئۆتكەن ئون يىلدا پارتىيە رەھبەرلىكىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى چۈشىنىش

      يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان دۆلەت ئىقتىساد، ئىجتىمائىي، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىمۇ ئۇچقاندەك راۋاجلاندى. سۈرەت ۋە سان – سېفىرلارنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆسمۈر – بالىلارنى مەملىكىتىمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى، شۇنىڭدەك شىنجاڭ ۋە يۇرتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى چۈشىنىشكە يېتەكلەش.

      1. سۈرەتلەرنى سېلىشتۇرۇش

      ‹‹تېپىپ بېقىڭ، سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ››. تەربىيەچى ئۆز جايىنىڭ ئىلگىرىكى سۈرەتلىرىنى تېپىپ، پىيونېرلارغا شۇ سۈرەتلەرگە ماس كېلىدىغان يېڭى سۈرەتلەرنى تاپقۇزۇپ، ئۆزگىرىشلەرنى تېپىپ چىقىپ، تەسىراتىنى سۆزلەتكۈزۈش.

      2. سان – سېفىرلارنى سېلىشتۇرۇش

      تەربىيەچىلەر شۇ يەرنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى بەزى كونا سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەش. مەسىلەن، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى، شەھەرلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ كۆلىمى قاتارلىقلار. پىيونېرلار تەكشۈرۈش، سوراش، ئىزدىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىن بۈگۈنكى يېڭى سان – سېفىرغا ئېرىشىپ، بۇ ئىككى سان – سېفىر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تېپىپ چىقىش.

      (5) ئىلگىرىكى ئون يىلدا پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ چوڭ – چوڭ ئىشلارنى تاماملىغانلىقىنى چۈشىنىش

      جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋەتىنىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، نۇرغۇن چوڭ ئىشلار تاماملاندى.

      ئۆسمۈر – بالىلارنى ‹‹ھېسسىيات››(مېھرىبانلىق) ۋە ‹‹نەتىجە››(تەرەققىيات)تىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن پارتىيەنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ چوڭ ئىشلارنى تاماملىغانلىقىنى چۈشىنىشكە يېتەكلەش.

      تۆۋەن يىللىق باسقۇچىدىكىلەر ‹‹ئاڭلاش››نى ئاساس قىلىش (ۋەتەننىڭ تەرەققىيات نەتىجىسى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى تېپىپ پىيونېرلارغا سۆزلەپ بېرىش).

      ئوتتۇرا يىللىق باسقۇچىدىكىلەر ‹‹سۆزلەش››نى ئاساس قىلىش (مەسىلەن، ئەترەت يىغىنى تەشكىللەش، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىش، ھېكايە سۆزلەش قاتارلىقلار).

      يۇقىرى يىللىق باسقۇچىدىكىلەر ‹‹ئىزدەش››نى ئاساس قىلىش، يەنى تۆۋەن، ئوتتۇرا يىللىق باسقۇچىدىكىلەر سۆزلىگەن ۋەقەلىكتىن باشقا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنى تېپىپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش.

      1. ھېسسىيات نۇقتىسىدىن سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش

      A. سارسقا تاقابىل تۇرۇش: مەملىكەت خەلقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي سارس ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى؛

      B. ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش: ئونمىڭلىغان – يۈزمىڭلىغان ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرى، پىدائىيلار ئاپەت يۈز بەرگەن نەق مەيداندا ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى قۇتۇلدۇردى؛

      C. لىبىيەدىن چېكىندۈرۈش: بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى ئەڭ زور كۆلەملىك مۇھاجىرلانى يۆتكەش ھەرىكىتىدۇر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ لىبىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

      D. شىنجاڭدىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قاتنىشىپ، پارتىيەنىڭ چەكسىز مېھىر – مۇھەببىتىنى ھېس قىلدى.

........

      2. نەتىجە نۇقتىسىدىن سۆزلەش ئارقىلىق پارتىيە، مەملىكەت خەلقىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش

      A. ئادەملىك ئالەم كېمىسى. دۆلىتىمىزنىڭ ھازىر ئالەم قاتنىشى ساھەسىدە خەلقئارادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

      B. يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول. مەملكىتىمىزنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىردىن تېز يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ياساش تېخىنىكىسىنى سىستېمىلىق ئىگىلەپ بولغانلىقى، مەملىكىتىمىزنىڭ بۇ جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇنغا تۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

      C. ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكا. مەملىكىتىمىزدە ئاۋىياماتكا يوق بولۇشتەك تارىخقا خاتىمە بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىزدىكى كۈچلۈك دۆلەت بولۇش نىشانىغا قاراپ مۇھىم بىر قەدەمنى باسقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

      D. شىنجاڭنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتى. شەھەر – بازارلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھ قىلىنىپ، شەھەر – بازارلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە يېزا– چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەممە جاينى قاپلاپ، ھەممە ئادەم داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسى جەھەتتە شەھەر بىلەن يېزا ئوتتۇرىسىدىكى، رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى، ئوخشاش بولمىغان ئامما ئارىسىدىكى پەرق كىچىكلىتىلدى.

      E. ياشانغانلار ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ھەقسىز ئولتۇرۇش يولغا قويۇلدى. 2004 – يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 65 ياشتىن يۇقىرى، نوپۇسى ئۈرۈمچىدە بولغانلارغا ياشانغانلار كارتىسى تارقىتىپ بېرىلدى، شەھرىمىزدىكى ياشانغانلار بۇ كارتا ئارقىلىق ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ھەقسىز ئولتۇرىدىغان بولدى.

      پىيونېرلار، سىلەرمۇ ئەتراپىڭلاردىكى بىر قىسىم چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى ئىزدەپ بېقىڭلار.

      (6) نېمىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش

      ئۇقۇم : جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاساسى دۆلەت ئەھۋالىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ئازاد قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى مۇستەھكەملەپ ۋە ياخشىلاپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىقتىسادى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، باي، دېموكراتىك، مەدەنىيەتلىك، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋى دۆلەت قۇرۇش. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىدىيەسىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باش ئىنژېنېرى يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان.

      تەربىيەچىلەر ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى بۇ ئۇقۇمنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى، (3) نۇقتا ‹‹قانداق بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، قانداق يول بىلەن مېڭىش›› قا بىرلەشتۈرۈپ، بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈشى لازىم.

      (7) ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ نىشانىنى ئومۇمىيۈزلۈك چۈشىنىش

      ھاللىق جەمئىيەت: يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئومۇميۈزلۈك، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىدىغان جەمئىيەت، ئۇ بىر مىليارت 300 مىليون ئادەمگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان جەمئىيەت، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، دېموكراتىيە مۇكەممەللەشكەن، پەن – مائارىپ تەرەققىي قىلغان، مەدەنىيەت گۈللەنگەن، جەمئىيەت ئىناق، خەلق باياشات بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتىگە، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماس كېلىدىغان جەمئىيەت.

      پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيەتى قاتارلىق بەش جەھەتتىن كۈرەش قىلىش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى (18 – قورۇلتاي دوكلاتى كۆرسىتىلىدۇ). تەربىيەچىلەر18 – قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگەتكەندە، ئۆسمۈر – بالىلارنى 2020 – يىلى ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نىشانىنى چۈشىنىشكە يېتەكلىشى كېرەك. بۇ ئوبرازلىق قىلىپ ئېيتقاندا، 2020 – يىلىغا بارغاندا بىز تېخىمۇ ياخشى مائارىپ تەربىيەسىدىن، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەت، تېخىمۇ قانائەتلىنەرلىك كىرىم، تېخىمۇ ئىشەنچىلىك ئىجتىمائىي كاپالەت، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش – سەھىيە مۇلازىمىتى، تېخىمۇ ئازادە ئولتۇراقلىشىش شارائىتى، تېخىمۇ گۈزەل مۇھىتتىن بەھرىمان بولىمىز، بالىلار تېخىمۇ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى قىلىدۇ، تېخىمۇ ياخشى ياشايدۇ، دېگەنلىكتۇر. پارتىيە رەھبەرلىكىدە 2020 – يىلى مەملىكىتىمىزدە ئىقتىساد تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان، دېموكراتىيە تېخىمۇ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇلغان، مەدەنىيەت گۈللەنگەن، جەمئىيەت ئادىل بولغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇلىدۇ. (گۈزەل جۇڭگو)

      1. تۆۋەن يىللىق باسقۇچىغا: ئۆسمۈر – بالىلارنى رەسىم سىزىشقا يېتەكلەپ، ئۆسمۈر – بالىلارغا ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى ھاللىق جەمئىيەتنى سىزدۇرۇپ، ئون يىلدىن كېيىنكى جۇڭگونى تەسەۋۋۇر قىلدۇرۇش ئارقىلىق كەلگۈسىگە بولغان گۈزەل ئىنتىلىشىنى قوزغاش.

      2. ئوتتۇرا، يۇقىرى يىللىق باسقۇچىغا: مەسىلەن، ئاساسى تېمىلىق ئەترەت يىغىنى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ھاللىق جەمئىيەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى سۆزلىتىش، ‹‹مەن 2020 – يىلى بىلەن بىللە پەرۋاز قىلىمەن›› تېمىسىدا ماقالە يېزىش مۇسابىقىسى، رەسىم سىزىش، ››قارا دوسكا‹‹ گېزىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پائالىيەت ئارقىلىق ھاللىق جەمئىيەتنىڭ ئىچكى مەزمۇنىنى چۈشىنىشكە يېتەكلش كېرەك.

      مەسىلەن، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2020 – يىلىغا بارغاندا ئىككىنى بىر قاتلاش (دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ۋە شەھەر – يېزىلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 2010 – يىلىدىكىدىن بىر قاتلاش)، كەلگۈسىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش شەكلىدىكى ‹‹19 – قۇرۇلتايدا ئۇچرىشىش›› ئاساسى تېمىسىدىكى ئەترەت يىغىنىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاساسىي قاتلامدىكى مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە 19 – قۇرۇلتايغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغانلىقىدەك پېرسوناژ رولىدا تەسىرات سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق پارتىيە ۋەكىلى بولۇشنىڭ شەرىپى ۋە بۇرچىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

      كەلگۈسىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش پائالىيىتى ئارقىلىق بۆگۈنكى پىيونېرلارنىڭ ھاياتىي كۈچ ۋە ئۈمىدكە تولغان يېڭى دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىنى، ھايات مۇساپىسىنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ يېڭى دەۋرىدىكى ئىلگىرىلەش قەدىمى بىلەن زىچ باغلانغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

     (8) پارتىيە بەلگىلىگەن ‹‹بەش بىر گەۋدە›› پىلان ئورۇنلاشتۇرۇشى: ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چۈشىنىش

      ئۆسمۈر – بالىلارنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چۈشىنىشكە نۇقتىلىق يېتەكلەش كېرەك.

      ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ بىز بىلەن زىچ باغلانغانلىقىنى، جەمئىيەت تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا بارغاندا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈرلىكىنى ئىزاھلاش كېرەك.

      ئۈرۈمچىدە كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىش گازنى يېقىلغۇ قىلىشقا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى كۆپكۆك ئاسمان، ئالتۇن تاغ تەبىئىي قوغداش رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى، ھەر خىل قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلىشى، شۇنداقلا مۇھىتنى ئاسراش سالمىقىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن شىنجاڭ ئالتۇن تاغ تەبىئىي قوغداش رايونىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيدى.

      ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سىيدام رەسىم سىزىپ، ئوتتۇرا ئەترەتتىكى ھەربىر پىيونېرنى ئۇماق قوللىرى بىلەن بىر خىل رەڭدە بوياشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ سىزمىنى ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ 18 – قۇرۇلتاينى ئۆگەنگەندىكى تارىخىي ئىزغا ئايلاندۇرۇپ، ئوتتۇرا ئەترەتتە كۆرگەزمە قىلىش ياكى ئەترەت ئىشخانىسىدا ئۇزاق مەزگىل ساقلاش كېرەك. مەسىلەن:

      كۈمۈش رەڭ: بايلىق ۋە باياشادچىلىققا سىمۋول قىلىنغاچقا ئۇنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا؛

      قىزىل رەڭ: پارتىيەنىڭ ئاممىنى خەلقنىڭ خوجايىنى بولۇشىغا يېتەكلىگەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغاچقا ئۇنى سىياسىي قۇرۇلۇشقا؛

      كۆك رەڭ: كەڭ قورساقلىق، ئەقىل – پاراسەت، ئىجادكارلىققا سىمۋول قىلىنغاچقا، ئۇنى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا؛

      سېرىق رەڭ: ئادىللىق، ھەققانىي، يورۇقلۇق، ئۈمىدكە سىمۋول قىلىنغاچقا ئۇنى ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشقا؛

      يېشىل رەڭ: ھاياتلىق، مۇھىتقا سىمۋول قىلىنغاچقا ئۇنى ئىكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ۋەكىللىك قىلدۇرۇش كېرەك.

      1. تۆۋەن يىللىق باسقۇچىدىكىلەر: تېپىپ بېقىڭ: مەكتەپتىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قىلمىشلىرى قايسىلار، ئېكولوگىيە مەدەنىيەتسىزلىكى قىلمىشلىرى قايسىلار، قايسى قىلمىشلار ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ؟ دېگەن سۇئاللار ئۈستىدە ئىزدەنسە بولىدۇ.

      2. ئوتتۇرا يىللىق باسقۇچىدىكىلەرگە: ئۆگىنىۋېلىڭ: ئۆسمۈر – بالىلارغا ‹‹مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئېلانى››، ‹‹مەدەنىي جۇڭگو›› (مەركىزىي خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ CCTV10) قانىلىنى قەرەللىك كۆرسىتىپ، ‹‹مەن تەبىئەت بىلەن دوست بولىمەن›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى قانداق قوغدايدىغانلىقى، مەكتەپتىكى مەدەنىيەتسىز ھەرىكەتلەرنى قانداق توسۇيدىغانلىقى، ئېكىلوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى قانداق توسۇيدىغانلىقىنى سۆزلەتكۈزسە بولىدۇ.

      3. يۇقىرى يىللىق باسقۇچىدىكىلەرگە: ‹‹مەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ياخشى مەسلىھەتچى بولىمەن›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەكتەپ سىرتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، مۇلاھىزە خاراكتېرلىك ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈش دوكلاتى يېزىش، مۇلاھىزە خاراكتېرلىك ئۆگىنىش نەتىجىسى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش، پىدائىيلار ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

      مەكتەپ قىزىل گالىستۇكلۇقلار رادىيو ئۇزۇلى، ‹‹قارا تاختا›› گېزىتى، ئوتتۇرا ئەترەت بولۇڭى، تەشۋىقات تاختىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قورۇلۇشىنى كۈچەيتىشتەك كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

      (9) سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىشنى تەشەببۇس قىلىش

      كونكرېت مەزمۇنى:

      باي – قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىش؛

      ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، ئادىللىق، قانۇن – تۈزۈم بويىچە ئىدارە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش؛

      ۋەتەنپەرۋەرلىك، كەسپچانلىق، سەمىمىيلىك، دوستانىلىقنى تەشەببۇس قىلىش؛

      فوتو – سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۆسمۈر – بالىلارنى دۆلەت، پۇقرا، جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ قاتلام بويىچە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىشكە يېتەكلەش كېرەك.

      ‹‹باي – قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، ئەركىن، باراۋەر، قانۇن – تۈزۈم، ۋەتەنپەرۋەر، كەسىپچان، سەمىمىي، دوستەنە››. قاتارلىقلار ئىچىدىن بىر قىسىم مەزمۇنلارنى تاللاپ سۈرەتلەر بويىچە چۈشەندۈرسە بولىدۇ. (مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئېلان تور ئادرېسى:/http://igongyi.cntv.cn بۇ توردىن مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرنى چۈشۈرسە بولىدۇ).

      (10) پارتىيەنىڭ ياشلاردىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ھەقىقىي تونۇش

      پارتىيەنىڭ ياشلاردىن كۈتكەن ئۈمىدى: ‹‹......جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئۇلۇغ ئىش، ئۇ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىرادىلىك ياشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشىغا ئېھتىياجلىق. پۈتۈن پارتىيە ياشلارغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ياشلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ياشلارغا غەمخورلۇق قىلىدۇ، ياشلارنىڭ يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سالىدۇ، ياشلارنى ئىرادىلىك چوڭ بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللايدۇ. كەڭ ياشلارمۇ پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك قاراش، قىممەت قارىشى تىكلەپ، پارتىيەنى، خەلقىمىزنى، ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى مەڭگۈ قىزغىن سۆيۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن پارتىيەگە شەرەپ كەلتۈرىشى لازىم.››

      بۇ قىسىمدىكى مەزمۇنلارنى ئوتتۇرا، يۇقىرى يىللىقلار باسقۇچىدىكى بالىلارغا نۇقتىلىق ئۆگىنىشىگە يېتەكلەپ، پەيدىنپەي ئىلگىرىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بالىلارنىڭ پارتىيەنىڭ ياشلاردىن كۈتكەن ئۈمىدىنى چۈشىنىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

      ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش — پارتىيەنىڭ 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت دوكلاتى بەلگىلىگەن 2020 – يىلى ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نىشانىنى چۈشىنىش (ئىنچىكە تەپسىلاتىنى خىزمەت دوكلاتىدىن كۆرۈش).

      مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش — جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئۇلۇغ ئىش، ئۇ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىرادىلىك ياشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشىغا ئېھتىياجلىق.

      ياشلارمۇ مەملىكەت خەلقىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن پارتىيەنىڭ 18 – قۇرۇلتىيى بەلگىلىگەن ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش كۈرەش نىشانىغا بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك.

      بالىلار پارتىيە، ئىتتىپاق، ئەترەتنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشچانلىق مۇناسىۋىتى يەنى بالىلىقىدا ئەترەتكە كىرىش، ياشلىقىدا ئىتتىپاققا كىرىش، قۇرامىغا يەتكەندە پارتىيە كىرىش مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى كېرەك. پەقەت پارتىيەدىن ئىبارەت بۇ پارلاق قۇياش نۇرى ئاستىدىلا ياشلار دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى بىلەن ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ، ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنالايدۇ.

      ئەمەلىي ھەرىكەت — ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشى ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلارنىڭ تىرىشىشىغا ئېھتىياجلىق، بۈگۈن بىز ۋەتەن قۇرۇلۇشىنىڭ زاپاس قوشۇنى، ئەتە بولساق ۋەتەن قۇرۇلۇشىنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنى.

      بۇ ئۈمىدلەرنى چۈشىنىپ، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندا ياشلار بىلەن پارتىيە، خەلق، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، شۇ ئارقىلىق توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك قاراش، قىممەت قارىشى تىكلەپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى، ئۇلۇغ خەلقىمىزنى، ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى مەڭگۈ قىزغىن سۆيۈپ، ئۆزلىكىدىن زاپاس قوشۇندىن جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلىنىشقا ئومۇمىيۈزلۈك تەييارلىق ھالىتىدە تۇرالايدۇ.

      تەربىيەچىلەر بالىلارغا 18 – قۇرۇلتاينىڭ روھىنى چۈشەندۈرگەندە، بىز تەمىنلىگەن كونسىپىك ۋە TPP ئىچىدىكى مىساللاردىن پايدىلانغاندىن سىرت يەنە ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن دۆلەت، ئاپتونوم رايۇن ۋە يەرلىك قاتارلىق ئۈچ قاتلامدىن ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا مەزمۇنلارنى كۆپەيتىپ، مىساللارنى بېيىتىپ، بالىلارنىڭ 18 – قۇرۇلتاي روھىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىۋېلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

 ئىككىنچى، يېقىنقى بىر مەزگىلدە 18 – قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا بىرقانچە ئورۇنلاشتۇرۇش

      بىرىنچى باسقۇچ: 2012 – يىلى 12 – ئاينىڭ 13 كۈنىدىن 12 – ئاينىڭ 19 – كۈنىگىچە

      1. ھەر دەرىجىلىك ئەترەت تەشكىلاتلىرى يېقىنقى بىر مەزگىلدە پارتىيە 18 – قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىپ تەشۋىق قىلىش دولقۇنىنى قوزغىشى، چوڭ ئەترەت تەربىيەچىلىرى پىيونېرلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، 18 – قۇرۇلتاي روھىنى بىر قېتىم چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

      2. بىر قېتىملىق ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ — 18 – قۇرۇلتاي ۋە بىزنىڭ كەلگۈسىمىز›› ئاساسى تېمىسىدىكى ئەترەت كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئەترەت تەشكىلاتلىرى 12 – ئاينىڭ 19 كۈنىدىن بۇرۇن چوڭ ئەترەت يىغىنى، ئوتتۇرا ئەترەت يىغىنى ياكى بىرلەشمە ئوتتۇرا ئەترەت يىغىنى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ — 18 – قۇرۇلتاي ۋە بىزنىڭ كەلگۈسىمىز›› ئاساسى تېمىسىدىكى ئەترەت كۈنى پائالىيىتىنى بىر قېتىم قانات يايدۇرۇپ، 18 – قۇرۇلتاينىڭ ئۆسمۈر – بالىلارغا ماسلاشتورۇلغان كارتون تەشۋىقات فىلىمىنى (/http://jjh.k618.cn/fdy/18dpx) كۆرسىتىپ، 18 – قۇرۇلتاي ئەھۋالىنى نامايان قىلىدىغان ھەرخىل مەدەنىيەت گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىدىن ھوزۇرلاندورۇپ، يازما گېزىت، رەسىم، فوتو – سۈرەت، قىسقا چاستوتىلىق كۆرۈنمە قاتارلىقلار ئارقىلىق زىيارەت قىلىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پىيونېرلارنى ئۆزىنىڭ ئوي –پىكرىنى ئەركىن سۆزلەشكە، قىلماقچى بولغانلىرىنى سېلىشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، نەتىجىلىرىنى كەلگۈسى تور پونكىتى قىزىل گالىستۇكلۇقلار ئۇيۇشۇش تورىغا يوللاپ پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك.

      3. ئۇچۇر يوللاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەترەت تەربىيەچىلىرى پائالىيەت نەتىجىسىنى كەلگۈسى تور پونكىتى قىزىل گالستۇكلۇقلار ئۇيۇشۇش تورىغا (/http://jjh.k618.cn/fdy/18dpx) يوللاپ نامايان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى لايىھەلىگەن ‹‹پارتىيەنىڭ 18 – قۇرۇلتىيى ئۆسمۈر – بالىلارغا ماسلاشتورۇلغان كارتون تەشۋىقات فىلىمى››نى دەل ۋاقتىدا چۈشۈرۈپ، بالىلارنى كۆرۈپ ئۆگىنىشكە تەشكىللەش كېرەك.

      ئىككىنچى باسقۇچ: 2012 – يىلى 12 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 2013 – يىلى 1 – ئاينىڭ 4 – كۈنىگىچە

      1. ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىسى ئوتتۇرا ئەترەتنى بىرلىك قىلغان ھالدا 18 – قۇرۇلتاي روھىدىن بىر قېتىملىق تەكرار دوكلات بېرىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسىنىڭ چۈشەندۈرۈش تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەزكۇر ئوتتۇرا ئەترەتتىكى پىيونېرلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بىر قىسىم مەزمونلارنى تاللاپ، چوڭقۇر، ئىنچىكە چۈشەندۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك.

      2. ئوتتۇرا ئەترەتنى بىرلىك قىلغان ھالدا بىر قېتىملىق 18 – قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش تەشۋىقات ‹‹قارا تاختا›› گېزىتى ئىشلەشكە تەشكىللەش، چوڭ ئەترەت ھەيئەتلىرى ‹‹قارا تاختا›› گېزىتىگە ئىنچىكىلىك بىلەن باھالاش ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

      ئۈچىنچى باسقۇچ: قىشلىق تەتىل

      ئاپتونوم رايونلۇق پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى تارقاتقان ‹‹2013 – يىللىق قىشلىق تەتىللىك ئۆسمۈر – بالىلارغا ھېسسىيات سىڭدۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئۆسمۈر – بالىلارنى بىرلىكتە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ‹‹تۆت بىر›› پائالىيىتى (پارتىيە توغرىسىدا بىر ناخشا ئۆگىنىش، پارتىيە توغرىسىدا بىر ھېكايە سۆزلەش، پارتىيە توغرىسىدا بىر كىنو كۆرۈش، بىر مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسىنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتى)گە تەشكىللەپ، پائالىيەت جەريانىدا ئۆسمۈر – بالىلارنى پارتىيە، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش، پارتىيە، ئىتتىپاق ۋە ئەترەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى چۈشىنىش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پارتىيە، ۋەتەن، ئەترەتكە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە سەمىمىي ھېسسىياتىنى كۈچەيتىش، زاپاس قوشۇندىن جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلىنىش تەييارلىقىنى ئەتراپلىق ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلەش لازىم.

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: رەيھانگۈل