باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

دېھقانلار ئائىلىسىدىكى گۆشسىز كىچىك قورۇمىسى

      ماتېرىيالى: سېرىق كۈدە ياكى كۈدە 200 گىرام، سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسى 150 گىرام، تۇخۇم بىرتال، پىنتوزا 200گىرام،

      خۇرۇچلىرى: تۇز، تېتىتقۇ، كۈنجۈت مېيى، سامساق، غولپىياز، زەنجىۋىل، ياغ، جىياڭيۇ.

      تەييارلاش ئۇسۇلى: كۈدە بەش سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا توغرىلىدۇ، سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، پىنتوزا، قايناق سۇدا بىر قېتىم پىشۇرۇلىدۇ، بىر تال تۇخۇمدا نىپىز پوشكال ياساپ چوكىدەك توملۇقتا ئۈگرە توغرايمىز، غولپىياز، زەنجىۋىل، سامساقلارنى ئۇششاق توغرايمىز.

      قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا ماي قۇيۇپ، غولپىياز، زەنجىۋىل، سامساقلارنى سېلىپ، مەززىلىك پۇراق چىقىشى ھامان كۈدە ۋە باشقا خۇرۇچلارنى سېلىپ، تۇز ۋە باشقا تەم تەڭشىگۈچلەرنى سېلىپ، ئازراق جىياڭيۇ قۇيۇپ بوشراق سارغايتىپ، ئۈستىگە كۈنجۈت مېيىدىن ئازراق قۇيۇپ ئالساق بولىدۇ.

      ئالاھىدىلىكى: شەكلى كۆركەم، تەمى ئۆزگىچە، كۈدە پۇرۇقى ئۆتكۈر، مەززىلىك، يېيىشلىك گۆشسىز قورۇمىلارنىڭ بىرى.

 

مەنبە: ئاشپەز تورى تەھرىر: ئاينۇر