باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

مەنزىرە تەسۋىرلەش ماھارىتى

      ساۋاقداشلار، سىلەر مەنزىرىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟ بىرەر مەنزىرىنى تەسۋىرلەپ باقتىڭلارمۇ؟ مېنىڭچە ساۋاقداشلار تەبىئەت دۇنياسىغا تولىمۇ قىزىقىدۇ. شۇڭا، ساۋاقداشلار مەنزىرىنىڭ نېمىلىكىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. چۈنكى، بىر كۈندە دېگۈدەك ئۇچرىشىپ، كۆرۈپ تۇرىۋاتقان دەل – دەرەخلەر، ئېتىزلىقلار، ئوتلاقلار، مەكتەپ قورۇسى، يوللار، ئېرىق – ئۆستەڭلەر، گۈلزارلىقلار، تاغ – دەريالار، كۆپكۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇتلار، يامغۇر، قار، ھەسەن – ھۈسەن، چاقماق چېقىش، يۇلتۇزلار،... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى مەنزىرە ئەمەسمۇ؟ دېمەك، مەنزىرە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىلا، ئەتراپىمىزدىلا بار. بىز ھەمىشە مەنزىرە ئىچىدىلا ياشايمىز. ساۋاقداش، بۇ يەردە مېنىڭ سىزدىن شۇنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ، سىز ئۆز ئەتراپىڭىزدىكى مەنزىرىلەرنى قانچىلىك كۆزەتتىڭىز؟ قانچىلىك تەسۋىرلەپ باقتىڭىز؟ باھاردىكى ياپيېشىل دۇنيا، رەڭگارەڭ گۈل – چېچەكلەر، قىشتىكى ئاپئاق قارلار سىزنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ، قەلبىڭىزدە قايناق ھېسسىياتلارنى پەيدا قىلدىمۇ؟ دەل مانا مۇشۇ خىل كۆرۈنۈشلەر ھەم ھېس – تۇيغۇلار مەنزىرە تەسۋىرلەنگەن ماقالىلىرىمىزنىڭ تازا ياخشى ماتېرىيالى ئەمەسمۇ؟

      مەنزىرە يالغۇز ئەدەبىي ئەسەرلەردىلا تەسۋىرلىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە بايان خاراكتېرلىك ۋە چۈشەندۈرۈش خاراكتېرلىك ماقالىلەردىمۇ يېزىلىدۇ. بولۇپمۇ ساۋاقداشلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆز ماقالىلىرىنى گۈزەل مەنزىرىلەر بىلەن باشلاشقا ئامراق كېلىدۇ. مۇۋاپىق يېزىلغان مەنزىرە ماقالىگە گۈزەللىك تۈسى بېرىپ، ماقالىنىڭ تەسىرلەندۈرۈش، زوقلاندۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ماقالىنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسىنى روشەنلەشتۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

مەنزىرىنى يېزىش ماقالە – ئەسەرلەرنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى. ئادەتتە مەنزىرە ھەر خىل ئېھتىياجلار ئاساسىدا يېزىلىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ماقالە – ئەسەرلەردىكى كونكرېت رولىمۇ خىلمۇخىل بولىدۇ.

      قىياپەت، مەنزىرىلەرنى يېزىش ئاساس قىلىنغان ياكى ساياھەت خاراكتېرىنى ئالغان ماقالىلەردە تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى كۆپرەك يېزىش ئارقىلىق ئاپتورنىڭ ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغۇ – دەريالىرىغا بولغان قايناق ھېسسىياتى، قىزغىن مېھىر – مۇھەببىتى ئىپادىلىنىدۇ. مەنزىرە تەسۋىرلەش ماھارىتى

      ساۋاقداشلار، سىلەر مەنزىرىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟ بىرەر مەنزىرىنى تەسۋىرلەپ باقتىڭلارمۇ؟ مېنىڭچە ساۋاقداشلار تەبىئەت دۇنياسىغا تولىمۇ قىزىقىدۇ. شۇڭا، ساۋاقداشلار مەنزىرىنىڭ نېمىلىكىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. چۈنكى، بىر كۈندە دېگۈدەك ئۇچرىشىپ، كۆرۈپ تۇرىۋاتقان دەل – دەرەخلەر، ئېتىزلىقلار، ئوتلاقلار، مەكتەپ قورۇسى، يوللار، ئېرىق – ئۆستەڭلەر، گۈلزارلىقلار، تاغ – دەريالار، كۆپكۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇتلار، يامغۇر، قار، ھەسەن – ھۈسەن، چاقماق چېقىش، يۇلتۇزلار،... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى مەنزىرە ئەمەسمۇ؟ دېمەك، مەنزىرە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىلا، ئەتراپىمىزدىلا بار. بىز ھەمىشە مەنزىرە ئىچىدىلا ياشايمىز. ساۋاقداش، بۇ يەردە مېنىڭ سىزدىن شۇنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ، سىز ئۆز ئەتراپىڭىزدىكى مەنزىرىلەرنى قانچىلىك كۆزەتتىڭىز؟ قانچىلىك تەسۋىرلەپ باقتىڭىز؟ باھاردىكى ياپيېشىل دۇنيا، رەڭگارەڭ گۈل – چېچەكلەر، قىشتىكى ئاپئاق قارلار سىزنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ، قەلبىڭىزدە قايناق ھېسسىياتلارنى پەيدا قىلدىمۇ؟ دەل مانا مۇشۇ خىل كۆرۈنۈشلەر ھەم ھېس – تۇيغۇلار مەنزىرە تەسۋىرلەنگەن ماقالىلىرىمىزنىڭ تازا ياخشى ماتېرىيالى ئەمەسمۇ؟

      مەنزىرە يالغۇز ئەدەبىي ئەسەرلەردىلا تەسۋىرلىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە بايان خاراكتېرلىك ۋە چۈشەندۈرۈش خاراكتېرلىك ماقالىلەردىمۇ يېزىلىدۇ. بولۇپمۇ ساۋاقداشلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆز ماقالىلىرىنى گۈزەل مەنزىرىلەر بىلەن باشلاشقا ئامراق كېلىدۇ. مۇۋاپىق يېزىلغان مەنزىرە ماقالىگە گۈزەللىك تۈسى بېرىپ، ماقالىنىڭ تەسىرلەندۈرۈش، زوقلاندۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ماقالىنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسىنى روشەنلەشتۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

      مەنزىرىنى يېزىش ماقالە – ئەسەرلەرنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى. ئادەتتە مەنزىرە ھەر خىل ئېھتىياجلار ئاساسىدا يېزىلىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ماقالە – ئەسەرلەردىكى كونكرېت رولىمۇ خىلمۇخىل بولىدۇ.

      قىياپەت، مەنزىرىلەرنى يېزىش ئاساس قىلىنغان ياكى ساياھەت خاراكتېرىنى ئالغان ماقالىلەردە تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى كۆپرەك يېزىش ئارقىلىق ئاپتورنىڭ ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغۇ – دەريالىرىغا بولغان قايناق ھېسسىياتى، قىزغىن مېھىر – مۇھەببىتى ئىپادىلىنىدۇ.

 

 

مەنبە: ‹‹يېزىقچىلىق يېتەكچىسى››دىن ئېلىندى تەھرىر: مېھراي