باش بەت | پىسخىكا

بالىلار مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈشى كېرەك

      ئۆزىگە ئىشىنىش ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدۇ، غەلىبىگە باشلايدۇ. لېكىن، ھازىر كۆپ ساندىكى بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى سۇس، ئۇلاردا ئۆزى قارار قىلىپ مۇستەقىل ئىش قىلالمايدىغان، داۋاملىق باشقىلارغا تايىنىۋالىدىغان، غۇجايىن بولۇۋېلىپ كەلگۈسىنى يارىتىشقا تىرىشمايدىغان ئەھۋاللار شەكىللىنىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى يېتىلدۈرۈشتە تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك.

      بالىلارنى قۇرقۇتماسلىق ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى كىچىكىدىن تارتىپ ‹‹جىن كەلدى، يىغلىساڭ دوختۇر كېلىپ ئوكۇل ئۇرىدۇ، بۇنداق ئىشنى قىلساڭ ساقچى تۇتۇپ كېتىدۇ...›› دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ قورقۇتىدۇ. نەتىجىدە بالىلار قورقۇنچاق، يۈرەكسىز چوڭ بولىدۇ. شۇڭا، بالىلارغا قەھرىمانلىق، باتۇرلۇق ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بەرسەك ئۇلارنىڭ سەبىي قەلبىدە ئېسىل پەزىلەتلەر بىخلىنىشقا باشلايدۇ.

      بالىلارنى ئۆزى قىلغان ئىشقا ئۆزى ئىگە بولۇشقا يېتەكلەش بالىلار بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويسا چوڭلاردىن قورقۇپ ئاسانلا يالغان سۆزلەيدۇ. بۇنداق چاغدا سەۋرچانلىق بىلەن ‹‹ھېچقىسى يوق، بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلغىن...›› دەپ خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىشقا ئۈندەپ، تۈزىتىشكە پۇرسەت يارىتىپ بەرسە بالىلار يالغان سۆزلىمەيدىغان بولىدۇ، خاتالىقتىن ساقلىنىشقا تىرىشىدۇ. نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئەمەلىيەت جەريانىدا بىلىۋالىدۇ.

      بالىلارنى قيىنچىلىققا يۈزلىنىشكە يېتەكلەش بالىلار كىچىككىنە قىيىنچىلىققا يولۇقسا دادام – ئانام بارغۇ دەپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە ئىنتىلمەيدۇ، ئاتا – ئانىلار ھەممە ئىشتا بالىلارغا يۆلەنچۈك بولۇپ كۆندۈرۈپ قويغاچقا بالىلارنىڭ جاپاغا چىداش روھى كەمچىل بولۇپ قالىدۇ. ئاتا – ئانىلار بالىلار مېڭىشنى ئۆگەنگەندىن باشلاپ كەينىدە پايپېتەك بولۇپ، يىقىلىپ چۈشسە يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، تۇپىسىنى قېقىپ يۈرگەچكە بالىلار يىقىلىپ چۈشسىمۇ يۆلەپ قويمىغۇچە ئورنىدىن تۇرمايدىغان، جاپادىن قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بالىلار ئۆزى قىلىدىغان ئىشلارنى چوقۇم ئۆزى قىلىشى، قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىقى كېرەك.

      بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىغا ھۆرمەت قىلىش بالىلار كىچىك چېغىدا كۆپىنچە ئىشلارنى ئۆزى قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق چاغدا سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرۇش، كۆرسىتىپ بېرىش، توغرا قىلسا ۋاقتىدا ئىلھاملاندۇرۇپ، ماختاش لازىم. بازارغا چىقىپ سودا – سېتىق ئىشلىرىنى قىلىپ كېلىشكە بۇيرۇش، ئائىلىدىكى قۇربى يېتىدىغان ئىشلارنى قىلدۇرۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

      ئاتا – ئانىلار تەربىيەنى ئۆزىدىن باشلاش بالا مەكتەپ يېشىغا توشقاندا بەزى ئاتا – ئانىلار بالىسىنى مەكتەپكە بېرىپلا ئەمدى ۋەزىپەم تۈگىدى، ئوقۇتقۇچى تەربىيەلىسۇن دەپ كارى بولمايدۇ. بۇنداق قاراش ئاقىلانىلىك ئەمەس. چۈنكى، بالا مەكتەپتىن كەلسە ئائىلىدە ئاتا – ئانىلار يېتەكلەش، بىلىم قۇرۇلمىسىنى كېڭەيتىش، يەنى ئورۇق – تۇغقانلىق مېھرى، ئەدەپ – ئەخلاق، ئېسىل ئۆرپ – ئادەتلەرنى سىڭدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. ئەمەلىيەتتە بالىلار ‹‹ئاتا – ئانام، ئوقۇتقۇچىم ھەممىنى بىلىدۇ›› دەپ قارايدۇ، شۇڭا، ئاتا – ئانىلاردا ھەر تەرەپلىمە بىلىم بولۇشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن بالىلار ئاتا – ئانىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان، تەربىيەنى قوبۇل قىلمايدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.

      بالىنى ھەددىدىن زىيادە ئەتىۋارلىماسلىق ھازىر ئائىلىلەردە بىر ياكى ئىككى بالا بولغاچقا ئۇلارنى بەكلا ئەتىۋارلاپ كېتىۋاتىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئەتىۋارلاش بالىلارغا زىيانلىق. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەركە ئۆگىنىپ قالغان بالىلارنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىز، ھېسسىياتى تۇراقسىز بولىدىكەن. بۇ ئەھۋال بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بەك زىيانلىق ئىكەن.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر