باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

پۇشايمان

ئادالەت تۇرسۇنمەمەت

      بىر كۈنى دوستۇم ئادىلە بىلەن مەكتەپتىن قايتىپ كېتىۋاتاتتىم. مەلۇم بىر ئولتۇراق رايونىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى گۈللەر دىققىتىمنى تارتتى.

 

      — پاھ، نېمانچە چىرايلىق گۈل بۇ؟ بەكمۇ خۇش پۇراق ئىكەن، – دېدىممەن.

      — شۇنداق، بۇ گۈللەر مۇھىتنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپتۇ، – دېدى ئادىلە.

      — سەن قاراپ تۇر، باشقۇرغۇچىلار كېلىپ قالمىسۇن. مەن گۈلدىن بىرقانچە تال ئۈزۈۋالاي، – دېدىم.

      — بولمايدۇ. مۇئەللىم بىزگە ‹‹گۈل – گىياھلارنى ئاسراڭلار›› دېگەنىدىغۇ، – دېدى ئادىلە خاپا بولۇپ.

      — بۇ گۈل يا سېنىڭ بولمىسا نېمانچە خاپا بولىسەن؟ بىرقانچە تال ئۈزگەنگە نېمە بوپتۇ؟ – دېدىم مەنمۇ بوش كەلمەي.

      ئادىلە خاپا بولۇپ كېتىپ قالدى. مەن ئەتراپقا ئوغرى مۈشۈكتەك قاراپ بىرقانچە تال گۈل ئۈزۈۋالدىم. ئۆيگە قايتىپ كېلىپ گۈلنى ياتاق ئۆيۈمدىكى لوڭقىغا سېلىپ قويدۇم.

      ئارىدىن بىرقانچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى. ئالدىراشچىلىقتا ھېلىقى گۈلنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. بۈگۈن ئۆيگە كەلسەم ياتاق ئۆيۈم بەدبۇي پۇراپ كېتىپتۇ. ھەيران بولۇپ قارىسام ھېلىقى لوڭقىدىكى گۈل سېسىپ كەتكەنىكەن. سېسىپ كەتكەن گۈلگە قاراپ بۇ گۈلنى ئۈزگىنىمگە ئىنتايىن پۇشايمان قىلدىم. ئەگەر ئۇنى ئۈزمىگەن بولسام ئۇ تېخىمۇ خۇش پۇراق چېچىپ ياشناپ تۇرغان بولاتتى ئەمەسمۇ؟ شۇ ئىشتىن كېيىن گۈل – گىياھلارنى ئۈزمەيدىغان بولدۇم.

(ئاپتور قاراقاش ناھىيەلىك 3 – ئوتتۇرا مەكتەپ 9 – يىللىق 1 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر