باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

كىتاب ئوقۇيلى

      كىتاب ئوقۇش قەلبنىڭ ساياھىتى. سىز كىتاب ئوقۇغاندا تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولالايسىز، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر تەپەككۇرلىرى بىلەن ئۇچرىشىسىز. ياخشى كىتاب ئەقىل – پاراسىتىمىزنى ئويغىتىدۇ، غايىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جان تىكىپ كۈرەش قىلىش ئىرادىمىزنى كۈچەيتىدۇ. كىتاب يەنە بىزگە ئەڭ ئۆلچەملىك، قېلىپلاشقان تىلنى ئۆگىتىدۇ. كۆپ كىتاب ئوقۇساق گەپ – سۆزلىرىمىز باشقىلارنى تېخىمۇ جەلپ قىلالايدۇ.

      ساۋاقداشلار، سىلەر بوش ۋاقتىڭلاردىن، تەتىل كۈنلىرىڭلاردىن پايدىلىنىپ كىتاب دېڭىزىغا چوڭقۇر چۆكۈپ بىلىمىڭلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇڭلار، كىتابنى ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ئالتۇن شوتا قىلىپ بىلىمىڭلارنى تاكامموللاشتۇرۇڭلار، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ھاياتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ، كىتاب بىلەن ئايرىلماس دوستلاردىن بولۇڭلار. شۇنداقلا يەنە دەپتىرىڭلارغا كىتابتىكى پاساھەتلىك سۆزلەرنى، تەسىرلىك جۈملىلەرنى، ياخشى بۆلەكلەرنى خاتىرىلىۋېلىپ، كىتاب ئوقۇغاندىكى تەسىراتىڭلارنى يېزىپ تېخىمۇ گۈزەل، پارلاق ھاياتلىق سەپىرىڭلارغا دادىل قەدەم تاشلاڭلار.

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر