باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

ئىككى قىتئەگە جايلاشقان داڭلىق شەھەر

      تۈركىيە ئاسىيا بىلەن ياۋروپاغا جايلاشقان دۆلەت بولۇپ ئۇنىڭدا ئىككى قىتئەگە جايلاشقان بىردىنبىر چوڭ شەھەر — ئىستانبۇل بار.

      2500 نەچچە يىل جەريانىدا ئىستانبۇل دىن، مەدەنىيەت ۋە پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنىڭ ھەر خىل توقۇنۇشلىرىدا بەزىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىسا، بەزىدە توسالغۇلۇق رول ئويناپ كەلدى. ئىستانبۇل دۇنيادىكى كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ چېگرا سىزىقى بولغان بوسفور بوغۇزى ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، شەھەر رايونى بوغۇزنىڭ ئىككى تەرىپىگە ۋە مەرمەر دېڭىزى بويىغا جايلاشقان بولۇپ 40 كىلومېتىرغا سوزۇلىدۇ. ئىچكىرىلەپ سوزۇلغان تار، ئۇزۇن قولتۇق بوغۇزنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ياۋروپا قىتئەسى قىسمىنى ئىككىگە بۆلۈۋېتىدۇ.

      شىمالىي بېيئوگلۇ رايونى جەنۇبىي كونا شەھەر رايونى دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئاسىيانىڭ بوغۇزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى قىسمى ئۇسكيۇدار رايونى دەپ ئاتىلىدۇ. شەھەرنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 220 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

      ئىستانبۇل ‹‹مىڭ يىللىق قەدىمىي پايتەخت›› دېگەن نامغا ئىگە. ئۇنىڭدا نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئاسار ئەتىقىلەر ساقلانغان. ئۇنىڭ ھەممىلا يېرىدە قەدىمكى ئوردا ۋە قورغانلارنى، ھەيۋەتلىك مەسچىتلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇ شەھەردىن قەدىمكى زامان تۈسى ۋە مەنزىرىسى زاھىر بولۇپ تۇرىدۇ.

      ئىستانبۇل قارا دېڭىزغا كىرىپ – چىقىدىغان دەرۋازىنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇ ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇقلۇق قاتنىشىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى، بوغۇزنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى تۆمۈريول ۋە تاشيوللار ياۋروپا بىلەن ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تۇتىشىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر