1991 - يىلى ئالپېس دەرياسىدىن بايقالغان 5300 يىللىق مۇمىيا ‹‹مۇز ئادەم›› نىڭ كۆزىنىڭ قوڭۇر رەڭ، قان تىپىنىڭ O، سۈتخور بولماسلىق مۇمكىنچىلىكىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى بايقالغان. گېرمانىيە سارلاند ئۇنىۋېرسىتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەتقىقات گۇرۇپپىلىرى DNA ھۈجەيرە يادروسى گېن گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى تەتقىقات نەتىجىسىنى 29 - فېۋرال ئەنگىلىيە تەبىئەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدى.
‹‹مۇز ئادەم››نىڭ يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ياشىغان، 40 ياشتىن ئاشقاندا سول مۈرىسىگە ئوقيا تېگىپ، يۈزىگە قورال بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېنىقلاندى. 2008 - يىلدىكى تەتقىقاتتا ئۇنىڭ تېنىدىن ھۈجەيرە كىچىك ئەزاسى يىپسىمان تەنچىسىنىڭ گېن گۇرۇپپىسى بايقالدى.