باش بەت | چولپانلار

خەلقئارا بوكس سەھنىسىدە چاقنىغان ئۇيغۇر ئوغلانى

      شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ 17 ياشلىق تەنھەرىكەتچىسى زۇلپىقار مەمەتئېلى 2011 – يىلى 12 – ئاينىڭ 11 – كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 12 دۆلەت قاتناشقان خەلقئارالىق بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسىدە ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى ناھايىتى ياخشى جارى قىلدۇردى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كۇبا ماھىرىنى 6 : 12 نومۇر بىلەن يېڭىپ چېمپىيونلىققا ئېرىشتى ھەمدە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ‹‹ئەڭ ياخشى ماھارەت كۆرسەركەن ماھىر›› دېگەن شان – شەرەپكە ئېرىشتى.

      زۇلپىقار مەمەتئېلى 1994 – يىلى 6 – ئاينىڭ 25 – كۈنى مەكىت ناھىسىدە بوكس تىرېنېرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، زۇلپىقار ئاتا ئانىسىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ۋە ئۆزىنىڭ جاپالىق مەشىق قىلىشى ئارقىسىدا 2005 – يىلى 10 ياش ۋاقتىدا شىنجاڭ ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىپىگە تاللانغان، ئۈزلۈكسىز جاپالىق مەشىقنىڭ تۈرۈتكىسىدە ۋىلايەتلىك ئۆسمۈرلەر بوكس مۇساابىقىسىدە 38 كىلوگىراملىقلار دەرىجە ئايرىمىسى بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، بوكس ھاياتىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئوڭۇشلۇق باسقان. ئۇ تەبىئىي بوكس تالانتى بىلەن 2008 – يىلى 9 – ئايدا شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا تاللانغان. زۇلپىقار ھارماي – تالماي مەشىقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ 2010 – يىلى 12 – نۆۋەتلىك شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر بوكس مۇسابىقىسى 60 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چېمپىيون بولغان، شۇ يىلنىڭ ئاخىرى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن سەككىز دۆلەت قاتناشقان تەكلىپ مۇسابىقىسىدە 69 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا مىس مېدالغا ئېرىشكەن. 16 ياشلىق زۇلپىقارنىڭ بوكس مەيدانىدىكى چاققانلىقى، ئىنكاسىنىڭ تېزلىكى، چىدامچانلىقىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرلىقى مۇسابىقە مەيدانىدىكى تىرېنېرلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى ھەم كەڭ تاماششىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى.

 

مەنبە: شىنجاڭ تەنتەربىيىسى تەھرىر: ئىلمىنۇر