باش بەت | چولپانلار

مايكول جورداننىڭ شانلىق ھاياتى

      تۆۋەندە بىز ئۇچار ئادەم مايكول جورداننىڭ شانلىق ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتىمىز.

      ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئۇ ئۆزىنىڭ داڭقىنى چىقىرغان، 1982 – يىلى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئۇ ئانا مەكتەپ كوماندىسىدا 63:62 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يېڭىپ، كارولىنا ئۇنىۋېرسىتېتىغا چېمپىيونلۇقنى ئېلىپ بەرگەن.

      1984 – يىلى ئۇ NIKE شىركىتى بىلەن باھاسى 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق، بەش يىللىق توختام تۈزگەن، توختامدىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، جوردان ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان ماركا AIRJORDANنى ياراتتى ھەمدە ئۇنى دۇنياغا تۇنۇتتى، NIKE شىركىتى بولسا جوردانغا ئائىت مەھسۇلاتلارنى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا بازار تاپقۇزدى ۋە ئۆزىنى كۆپ تەرەققىي قىلدۇردى.

      1984 –، 1985 – يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ مەيدانىغا 28.2 نومۇر، 6.5 گاردىن قايتقان توپ، 5.9 قۇشۇمچە پاس بېرىشتەك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. پەسىللىك مۇسابىقىدە 38 مەيدان غەلبە قىلغان بولۇپ، بۇقا كوماندىسى ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلغا قىرىغاندا 11 مەيدان ئارتۇق يەڭگەن. بىراق ئۇلار شەرقىي رايوننىڭ پەسىل ئاخىرىدىكى مۇسابىقىسىدە بۇقا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان.

      1985 –، 1986 – يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، ئۇ ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىدە پۇتىنى يارلاندۇرۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ شەرقىي رايوننىڭ پەسىل ئاخىرىدىكى مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كەلدى، ھەمدە بوستۇنلۇقلار بىلەن بولغان مۇسابىقىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدا كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇمۇر 69 نۇمۇرغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن قوش ۋاقىت قۇشۇش مۇسابىقىسىدىن كېيىن ئۇلار 135:131 نەتىجە بىلەن رەقىنىگە ئۇتتۇرۇپ قويغان.

 

      1988 – يىللىق چولپانلار مۇسابىقىسى ۋە توپ بېسىش مۇسابىقىسى چىكاگودا ئۆتكۈزۈلدى، سىرتمۇ ئۇ قارار توپ بېسىش مۇسابىقىسىنى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تەسىر كۈچكە ئىگە دەپ ئىتراپ قىلىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا توپ بېسىش مۇسابىقىسىدا جوردان دومىنىكىيو.ۋېلىكىنسنى يېڭىۋېلىپ چېمپىيون بولغان. شۇ يىلى ئۇ تۇنجى بولغان پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ MVPسىگە ئېرىشكەن ھەمدە شەرقىي رايۇننىڭ پەسىل ئاخىرقى مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا ۋىزاردىس كوماندىسىنى يەڭگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككىنچى ئايلانمىدا پورشېن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان. 1989 – يىلى شەرقىي رايوننىڭ پەسىل ئاخىرىدىكى مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا، ئۇ بۇقا كوماندىسىغا ياردەم قىلىپ ۋىزاردىس كوماندىسىنى يەڭگەن بولسىمۇ ئوخشاشلا ئۆتكەن يىلقىدەك پورشېن كوماندىسىنىڭ توسالغۇسىدىن ئۆتۈپ كېتەلمىگەن.

      1990 –، 1991 – يىللىق مۇسابىقە پەسلى، يەنى راھىب تىرېنېر فېل.جاكسۇن كوماندىغا كەلگەن ئىككىنچى يىلى ئۇ بۇقا كوماندىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ كوماندا تارىخىدىكى تۇنجى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. جوردانمۇ كەسپىي ھاياتىدا تۇنجى قېتىم پەسىللىك مۇسابىقە ۋە پەسىل ئاخىرىدىكى مۇسابىقىنىڭ MVPسىگە قوش ئېرىشتى.

      1992 – يىلى بارسېلونا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا جوردان، سېرىكچى، لاررى.بىرد قاتارلىق چولپانلاردىن تەشكىل تاپقان ‹‹چۈش كوماندىسى›› بارلىق رەقىبلىرىنى يېڭىپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. شۇ ۋاقىتتا ئۇلار رەقىبىنى مەيدانىغا تەخمىنەن 40 نومۇردىن يېڭىپ چىققان بولۇپ، بۇ ھازىرغىچە بىر رېكورت بولۇپ ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ‹‹چۈش كوماندىسى›› شۇ قىتىملىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا NBAنى پۈتكۈل دۇنياغا تۇنۇتتى. شۇنىڭدىن كېيىن NBAنىڭ تەسىر كۈچى پۈتۈن دۇنيادا زورايغان.

      1993 – يىلى 10 – ئاينىڭ 6 – كۈنى جوردان تۇنجى قېتىم ۋاسكېتبولغا قىزىقىشنىڭ قالمىغانلىقىنى ئېيتىپ بۇ ساھەدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان. گەرچە ئۇ ئۆزى ۋاسكېتبولغا قىزىقىشنىڭ قالمىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ قىلمىشىنى دادىسىنىڭ ۋاپات بولۇشى ياكى ئۇنىڭ قىمارغا ئۆگىنىپ قالغانلىقىدىن بولغان دېيىشكەن.

      جوردان NBAدىن چېكىنىپ چىقىپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇقا كوماندىسى ئۇنىڭ 23 – نومۇرلۇق كىيىمىنى كوماندىدىن چېكىندۈرۈپ بەرگەن، ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچۈن بىرلەشمە مەركەزدە مىس ھەيكەل تىكلىگەن.

      1995 – يىلى جوردان NBAدىن چېكىنىپ چىققانداىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ۋاسكېتبول ساھەسگە قايتا قەدەم باستى، شۇ يىلى ئۇ كوماندىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كوماندا ۋە بىرلەشمە تارىخىدىكى بىر مۇسابىقە پەسلىدە 72 مەيدان غەلىبىنى تۇنجى قېتىم قولغا كەلتۈرگەن كوماندىغا ئايلاندى. ھەمدە پەسىللىك مۇسابىقە، چولپانلار مۇسابىقىسى ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەرنىڭ MVPسىگە ئېرىشتى.

      1998 – يىلى 6 – ئاينىڭ 14 – كۈنى جورداننىڭ بۇقا كوماندىسىنىڭ كوماندا كىيىمىنى كەيگەن ئاخىرقى بىر كۈنى بولۇپ قالدى، ئۇ بىر مەيدان مۇسابىقىمۇ كىشىلەر ئۇنتىيالمايدىغان بىر مەيدان مۇسابىقىگە ئايلاندى.

      2001 – يىلى 9 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئۇ يەنە بىر قېتىم مۇسابىقە مەيدانىدا پەيدا بولدى، بەزىلەر جورداننىڭ بۇ قىلمىشىنى كوبى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېيىشىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن ئۇ يەنە قايتىپ كەلدى، بۇ ۋاسكېتبول دۇنياسىغا نىسبەتەن بىر خۇشخەۋەر ئىدى، شۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ ۋىزاردىس كوماندىسى ئۈچۈن مەيدانىغا 22.9 نومۇر ئېلىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن كوماندىنى يېتەكلەپ پەسىل ئاخىرىدىكى مۇسابىقىگە ئەكىرەلمىدى.

      2003 – يىلى 4 – ئاينىڭ 16 – كۈنى جوردان كەسپىي ھاياتىدىكى NBAنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسنى تاماملىدى، شۇ كۈنى ئۇ مېھمان مەيداندا 15 نومۇر، ئالتە گاردىن قايتقان توپنى ئالغان ۋە تۆت قۇشۇمچە ياردەمچى پاس بەرگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇلار يەنىلا فىلادېلفىيە 76 ئادەم كوماندىسىغا 107 : 87 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى. شۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ يەنىلا مەيدانىغا 20 نومۇر ئالالايدىغان بولسىمۇ لېكىن كوماندىنى يېتەكلەپ پەسىل ئاخىرىدىكى مۇسابىقىگە ئەكىرەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن جورداننىڭ ۋاسكېتبول كەسپىي ھاياتىمۇ مۇشۇ كۈنى رەسمىي ھادا ئاخىرلاشتى.

      2006 – يىلى 6 – ئايدا، ئۇ چارلوتتې تاغ كۈشۈكى كوماندىسىنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان بولۇپ، جوردان بۇ كوماندىدىنىمۇ ۋىزاردىس كوماندىسىدىكى ۋاقتىغا ئوخشاش كوماندىنىڭ كادىرلار ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى ھەمدە 2009 –، 2010 – يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە كوماندىنى يېتەكلەپ چىقىپ ئۇلارنى كوماندا تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق پەسىل ئاخىرىدىكى مۇسابىقىگە ئەكىردى. ئۇ ھازىرغىچە شۇ كوماندىدا خوجايىنلىق قىلماقتا.

 

مەنبە: شىنجاڭ تەنتەربىيىسى تەھرىر: ئىلمىنۇر