باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

ئائىلە تاپشۇرۇقى كۆپ بولسا ئۆگىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولامدۇ

      ئاۋسترالىيەدىكى مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى رىچارد ۋولكېر بىلەن مايىك خۇرسېلى يازغان ‹‹ئائىلە تاپشۇرۇقى ئىسلاھاتى›› سەرلەۋھىلىك ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: سائەت – سائەتلەپ ئائىلە تاپشۇرۇقى ئىشلەشنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك، بۇ ئائىلە تاپشۇرۇقى ئىشلەشكە سەرپ قىلىنىدىغان ۋاقىت قانچە ئۇزاق بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى شۇنچە ناچار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ 70 يىللىق تەتقىقات ۋە ئەڭ ياخشى ئىستاتىستىكا ئۇسۇلى ئارقىلىق خۇلاسىلەنگەن ئېنىق ۋە ئىشەنچلىك يەكۈن.

      ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قاراش ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە ئوقۇغۇچىلار ئائىلە تاپشۇرۇقى كۆپ ئىشلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارادا ئىلىم – پەن مۇۋەپپەقىيىتى جەھەتتە تۇتقان ئورنى ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇقنى ئاز ئىشلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭكىدىن يۇقىرى ئەمەسلىكى دەلىللەنگەن. ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس تراتۇۋايىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن ئوخشاش چىقتى، تراتۇۋايىن مۇشۇ ساھەدىكى دۇنياغا داڭلىق مۇتەخەسسىس.

      ئادەتتە كىشىلەر: ‹‹ئائىلە تاپشۇرۇقى قانچە كۆپ بولسا، ئوقۇغۇىلارغا ۋاقىتنى كونترول قىلىشنى ۋە باشقا تەشكىللەش ماھارەتلىرىنى ئۆگەتكىلى بولىدۇ›› دەپ قارايدۇ، بىراق ۋولكېر مۇنداق دېدى: ‹‹ئوقۇغۇچىلار بىلىمنى پەقەت ئۆزىگە تايىنىپلا ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆگىنىدۇ. ئەڭ دەسلەپتە ئىجتىمائىي خاراكتېرگە ئىگە بىلىملەر ئاتا – ئانىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق شەخسىي ماھارەتكە ئايلىنىدۇ، كىشىلەر بۇ ماھارەتلەرنى ئاساسسىزلا ئۆگىنەلمەيدۇ››.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي