باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

ھارۋا سۆرەش

      قۇرۇلۇش جاريانىدا ئىككى بىلىكىم يارىلانغاچقا، ئۆيگە بېرىپ ئارام ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم. بىر كۈنى سەيلە قىلىپ كىرىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتىم. مېڭىپ دۆڭگە كەلگەندە، بىر ياش يىگىتنىڭ لىق خىش قاچىلانغان قول ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، دۆڭنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە ھارۋىنى ئىتتىرەلمەي قالغانلىقىنى كۆردۈم. بۇ چاغدا ئۇ يىگىتنىڭ كۆزىمۇ ماڭا تىكىلدى ھەم: ‹‹ياردەم قىلىپ ئىتتىرىشىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن!›› دېدى، ئۇنىڭ مەندىن بۇنداق ئۆتۈنۈشى مېنى ناھايىتى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويغانىدى، لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇ يىگىتكە ياق دېيىشكە كۆڭلۈم چىدىماي ئۇنىڭ يېنىغا باردىم ۋە ھارۋىنى چىڭ تۇتۇۋالدىم، بىراق ئۇنىڭغا يارداملىشىپ ھارۋىنى ئىتتىرىشىپ بېرەلمەيدىغانلىقىمغا كۆزۈم يېتەتتى. بىراق ئۇ يىگىت خۇددى مېنى شۇنچىلىك كۈچەۋاتقاندەك ھېس قىلغان بولسا كېرەك، ھارۋىنى ئىتتىرىپلا بۇ دۆڭدىن چىقىرىۋالدى ھەم ماڭا رەھمەت ئېيتتى. مەن: ‹‹ئەمەلىيەتتە مەن سىزگە ھېچقانداق ياردەم قىلمىدىم، سىز پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزنىڭ كۈچىگە تاياندىڭىز›› دەپ قويۇپ كېتىپ قالدىم.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي