باش بەت | مەكتەپلەر

سانجۇ يېزىلىق 1 – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى كۆزنەك بولۇپ قالدى

      گۇما ناھىيەسىنىڭ سانجۇ يېزىلىق 1 – باشلانغۇچ مەكتىپى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىغا پائال يۈزلىنىپ، ساپا مائارىپىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش، تەلىم–تەربىيە خىزمىتىدە ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

      سانجۇ يېزىلىق 1 – باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى ۋە مەمۇرىيىتى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنى يۇقىرى مەكتەپلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتتى. ئوقۇتقۇچىلارنى پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېن–سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىغا يۈزلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈردى. قابىل، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىلىرىنى قۇرۇپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشىنى پىلانلىق، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، تەلىم–تەربىيە، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى. يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي، ياش، قابىل، ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. دەرس تەييارلاش، دەرس ئۆتۈش، دەرس ئاڭلاش، باھالاش، تاپشۇرۇق بېرىش قاتارلىق مۇھىم ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈردى. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش، ئېلېكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش، تەجرىبىلىك ئوقۇتۇش ۋە يىراق مۇساپىلىق ئوقوتۇشنى چىڭ تۇتۇپ، 2–دەرسخانا پائالىيىتىنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. قەرەللىك ھالدا ئاتا–ئانىلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، مەكتەپ، جەمئىيەت ۋە ئائىلە تەربىيەسىنى ماس قەدەمدە بىرلەشتۈردى. «قوش تىل» ئوقۇتۇشىنى مەكتەپنىڭ مۇھىم خىزمىتى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىدىكى ئىلغار تەجرىبىلەرنى كېڭەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. نەتىجىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %100، تۇراقلىشىش نىسبىتى %99.8، دەرس ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتى %80 تىن ئېشىپ، يېزا ۋە ناھىيە بويىچە ئاساسىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە تەلىم–تەربىيە خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۆزنەك مەكتەپ بولۇپ قالدى.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: رەيھانگۈل