باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

باش سىرتقى زەخمىگە ئۇچرىغاندا...

      ئەس – ھوشىنى يوقاتقان ئاغرىقلارنىڭ نەپسىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ياستۇقنى ئېلىۋېتىپ تۈز ياتقۇزۇش لازىم. چۈنكى باش سىرتقى زەخىمگە ئۇچرىغاندا، بويۇن ئومۇرتقىسىمۇ زەخىمگە ئۇچرىشى مۇمكىن، ئاغرىقنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلغاندا ئېھتىيات قىلىش لازىم. ئەگەر قان كۆپ چىقىپ كەتكەن بولسا، دەرھال شۇ ئورۇننى بېسىپ تۇرۇپ تېڭىپ قاننى توختىتىش لازىم. سۇيۇقلۇق قۇلاق، بۇرۇندىن ئېقىپ چىقسا، يارىلانغۇچىنى يانچە ياتقۇزۇپ، بېشىنى ئازراق يۇقىرى قىلىپ قان چىققان تەرەپنى پەسكە قارىتىپ ئېقىپ چىقىۋاتقان سۇيۇقلۇقنىڭ ئېقىشىغا يول قويۇش، قان چىققان يەرنى يۇيۇشقا ياكى قۇلاق، بۇرۇنغا پاختا تىقىپ قويۇشقا بولمايدۇ. باش قىسمى ئېغىر دەرىجىدە يارىلانسا، دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش، يولدا كىيىم – كېچەكلەرنى يارىلانغۇچىنىڭ بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىگە قويۇپ، ئۇنىڭ بېشىنى مۇقىم قىلىش، باشنىڭ چايقىلىپ كېتىشى ۋە تەۋرەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي