باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

تېلېگراممىنى كىم كەشىپ قىلغان

      تېلېفون كەشىپ قىلىنىشتىن بۇرۇن، يىراق جايلار بىلەن ئالاقىلىشىشتە تېلېگرامما يوللانسا ناھايىتى تېز بولاتتى. تېلېگراممىنى ئامېرىكىلىق مورىس كەشىپ قىلغان.

      مورىس ئەسلىي بىر رەسسام ئىدى. 1832 - يىل 10 - ئاينىڭ بىر كۈنى ئۇ پاراخوت بىلەن ياۋروپادىن ئامېرىكىغا قايتىدۇ. پاراخوتتا، ئۇ جېكسون ئىسىملىك بىر ياشنىڭ يولۇچىلارغا ‹‹ئېلېكتوماگنىت ئىندۇكسىيەسى››نى چۈشەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالىدۇ. ئۇ: ‹‹توكنىڭ سۈرئىتى شۇنچە تېز ئىكەن، بىر سېكۇنتتا 300 مىڭ كىلومېتىر ئارىلىققا باالايدىكەن. ئەگەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر ئەۋەت ئەۋەتىشكە بولسا، نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى - ھە!›› دەپ ئويلايدۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ ئېلېكتىر ئىلمىنى بېرىلىپ ئۆگىنىشكە ۋە تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ ھەمدە توكتىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر يوللاشنى سىناق قىلىدۇ. بۇنىڭ ئېلېكتىر ئىلمىدىن خەۋىرى بولمىغاچقا، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىدۇ، قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، ئېلېكتىرشۇناسلاردىن سورايدۇ. ئۇنىڭ رەسىمخانىسى ئېلېكتىر ئىلمى تەجرىبىخانىسىغا ئايلىنىدۇ. كېيىنكى بىرقانچە يىل ئىچىدە، مورىس نۇرغۇن چېرتيوژ لايىھەلەپ سانسىز قېتىم تەجرىبە ئىشلەپ، ھەممىسىدە مەغلۇپ بولىدۇ. ئۇنىڭ پۇلى تۈگىگەچكە، ئىلاجسىز نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىدا سەنئەت دەرسى ئۆتىدۇ، خىزمەتتىن بوشىغۈن جاغلىرىدا تېلېگرامما ئىجاد قىلىش خىزمىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىدۇ. بوشاشماي تىرىشىش نەتىجىسىدە، مورىس ئاخىرى 1837 - يىلى ئېلېكتىر ئېقىمىنىڭ ‹‹ئۇلىنىشى›› ۋە ‹‹ئۈزۈلۈشى›› ئارقىلىق رەقەم ۋە ھەرپنى ئىپادىلەيدىغان كود ــ ‹‹مورىس كود››نى كەشىپ قىلىدۇ ھەمدە دۇنايدىكى تۇنجى تېلېگراف ئاپپاراتىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىدۇ.

      1843 - يىلى، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن مورىس ۋاشىنگتون بىلەن بالتىمور ئارىسىدا 64 كىلومېتىرلىق تېلېگراف لىنىيەسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ، بۇ دۇنيادىكى تۇنجى تېلېگراف لىنىيەسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ، بۇ دۇنيادىكى تۇنجى تېلېگراف لىنىيەسى ئىدى. 1844 - يىل 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، مورىس ۋاشىنگتوندىكى پارلامېنت بىناسىدا تېلېگراف ئاپپاراتىنى ئىشلىتىپ، بالتىمورغا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى تېلېگراممىنى يوللايدۇ.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مېھراي