باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى 6 – نۆۋەتلىك 3 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدىكى يارقىن نۇقتىلار

      مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى 6 – نۆۋەتلىك 3 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا: ‹‹دەرس جەدۋىلىدىن ياخشى پايدىلىنىپ مەركەزلەشكەن پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش كېرەك›› دەپ كۆرسىتىلگەن. مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى تۈزگەن ھەم پات يېقىندا يولغا قويۇلىدىغان ‹‹ئەترەت پائالىيىتى (دەرسلىك) يېتەكچى پىروگراممىسى››دا پائالىيەتنىڭ ئۇسۇلىغا قارىتا كوللېكتىپ پائالىيەت ۋە تارقاق پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

      سىز بوش ۋاقىت دېگەن بۇ ئۇقۇمنى قانداق چۈشىنىسىز؟ ئەمەلىي خىزمەتتە قايسى ۋاقىتلار بوش ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ؟ چوڭ، ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىلىرى بۇ ۋاقىتلارنى قانداق ئۈنۈملۈك ئورۇنلاشتۇرىدۇ؟ بولۇپمۇ بۇنداق ۋاقىتلاردا قانداق پائالىيەتنى قانات يايدۇرغاندا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىغا ماس كېلىدۇ ۋە بالىلار قارشى ئالىدۇ؟ تۆۋەندە بىز ئەترەت خىزمەتچىلىرى ۋە تەربىيەچىلەرنى يېتەكلەپ، نۆۋەتتە ئەترەت خىزمىتىدىكى يارقىن نۇقتىلار ئۈستىدە مۇلاھىزە ۋە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىمىز.

ئۆزىگە ئۆزى خۇجا بولۇش، ئۆزى ئىجاد قىلىشنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ بوش ۋاقىتلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك

      جياڭ شىڭيۈن

      يولداش لو مېي تەكىتلىگەن ‹‹بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش›› تەلىپى دەرس جەدۋىلى ۋاقتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ مەركەزلەشكەن پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بوش ۋاقىتلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ‹‹دەرس جەدۋىلى››گە قارىتا ئېيتىلغان. ھەربىر ئوقۇغۇچى دەرس ۋاقتىدا پائالىيەتنى قانات يايدۇرامدۇ؟ نۆۋەتتە ئەترەت پائالىيىتى ۋاقتىدا تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان ئەھۋال ھەرقايسى جايلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت، بۇ مەسىلە بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغىشى كېرەك.

      بوش ۋاقىتتا بولۇپمۇ مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن ۋە قوش دەم ئېلىش كۈنىدىن ئىبارەت بۇ بوش ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىغا، ئەسلىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك ئەترەت تەشكىلىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، ئۆزى ئىجاد قىلىشنى تېخىمۇ تەكىتلەپ پىيونېرلارنىڭ ‹‹خوجايىنلىق›› ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بالىلار ئىچىدىكى ‹‹كىچىك داھىي›› رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تەربىيەچىلەرمۇ ‹‹كىچىك بۈركۈت دەم ئېلىش كۈنىدىكى كىچىك ئەترەت›› ئىبارەت دەرستىن سىرتقى، مەكتەپ سىرتىدىكى ئەترەت تەشكىلاتىنى قۇرۇشقا ياردەم بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، پىيونېرلارنىڭ ياش پەرقى، سىنىپ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بوش ۋاقىتتىكى ئەترەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك. بوش ۋاقىت چوڭ، ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، شۇنداقلا نۇرغۇن ئادەملەر قاتنىشىدىغان پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشقا ماس كەلمەيدۇ، شۇڭا مەن بۇنداق ۋاقىتتا ئويۇن تۈسىنى ئالغان كىچىك تىپتىكى پائالىيەتلەرنى كۆپرەك قانات يايدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىمەن. بۇنداق پائالىيەتلەر بالىلارنىڭ جىسمانىي روھىنى جانلاندۇرۇپ، دەرس يۈكىنى يېنىكلىتىپلا قالماي يەنە بوش ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ.

      ئەترەت تەشكىلىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا پىيونېرلارنى مەكتەپ مەدەنىيەت تېمى بىلەن سۆزلىشىشكە تەشكىللەش

      ۋاڭ تۇڭرۇي

       يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن مەكتەپلەر مەكتەپ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، مول مەزمۇنلۇق مەكتەپ مەدەنىيەت تېمىنى زور كۈچ بىلەن قۇرماقتا. ئەكسىچە، بىز پەقەت تام «گەپ قىلىش» بىلەن توختاپ قالساق بولمايدۇ، پىيونېرلارنى كۈرۈشكە، ئۆگىنىشكە، ئانالىز قىلىشقا، ھەرىكەتلىنىشكە، بۇ تەستە قولغا كېلىدىغان كۈرۈش بازىسىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى «گەپ قىلالايدىغان تام» بىلەن سۆزلىشىشكە تەشكىللەپ، كىچىك ئەترەت ياكى بىرقانچە پىيونېردىن تەشكىللەنگەن كىچىك ئەترەتنى بىرلىك قىلىپ، بوش ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت تېمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلىرىغا قارىتا، كۆزىتىش، ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق كىچىك ئەترەتنىڭ كوللېكتىپ ھەرىكىتىنى پىلانلاش كېرەك. بۇ ھەرىكەت قارارىنى ئۆزى بەلىگىلەش، ھەرىكەتنى ئۆزى نازارەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەدەنىيەت تېمىدىكى ھەر خىل رەڭلىك رەسىم ۋە مەزمۇنلارغا قارىتا ھەر ۋاقىت – ھەر جايدا تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، چوڭ تىپتىكى تېمىلىق ئەترەت تەربىيەسى پائالىيىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز لازىم.

      بۇنداق ئەترەت تەشكىلىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەكتەپ ۋە ئەتراپىدىكى تەربىيە بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدىغان ئۆزىنى تەربىيەلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا پىيونېرلارنىڭ ئېڭىدا ئەترەت تەشكىلى بولىدۇ، تەشكىلنىڭ چاقىرىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئېسىل پەزىلەت، ياخشى ئادەت يېتىلدۈرەلەيدۇ.

بوش ۋاقىتتا قانات يايدۇرىدىغان پائالىيەتنى دائىملاشتۇرۇش

ۋۇ لىخۇڭ

      ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئەتىگەنلىك ئوقۇش، گىمناستىكا ئويناش، دەرس ئوقۇشتىن ئىبارەت نىسبەتەن مۇقىم بەلگىلەنگەن ۋاقتى بولغاندىن باشقا قالغان ۋاقىتلىرىنىڭ ھەممىسى نىسبەتەن ئۆزى مۇستەقىل ۋاقىتنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان بوش ۋاقتى بولىدۇ.

      ئەمما، بوش ۋاقىتقىمۇ بەزىدە تولۇق كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. بالىلار ئەتىگەندە مەكتەپكە كېلىپلا ئەتىگەنلىك ئوقۇشنى باشلايدۇ، مەكتەپتىن قايتقاندا دائىم كوللېكتىپ رەتكە تىزىلىپ ئاندىن مەكتەپتىن ئايرىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىلىدۇ. شۇڭا، ئون مىنۇتلۇق تەنەپپۇس ئېھتىمال ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ۋاقتى بولۇشى مۈمكىن. ئەمما، مۇئەللىمنىڭ دەرسنى سوزۇشى، دەرس ئارىلىقىدىكى تاپشۇرۇق، ئارتۇق دەرس ئۆتۈش قاتارلىق ئەھۋاللار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. بالىلارنىڭ تەنەپپۇس ۋاقتىنى ئەركىن ئورۇنلاشتۇرىدىغان ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولغاچقا تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەترەت پائالىيىتىدىن سۆز ئېچىش مۈمكىن ئەمەس.

      ئەمەلىيەتتە، بوش ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىنتايىن ئاددىي. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شوخ، ھەرىكەتچان كېلىدۇ، كىچىك ئەترەتنى بىرلىك قىلىپ تەنەپپۇستتىن پايدىلىنىپ كارىدوردا، مەيداندا كىچىك دائىرىدىكى بالىلار ياخشى كۆرىدىغان كىچىك پائالىيەتلەرنى تەشكىللىسە بولىدۇ. مەسىلەن، تىكتاك توپ، پەي توپ ئويناش، رېزىنكە سەكرەش قاتارلىقلار، بۇنداق ھەرىكەتلەر ھەم چېنىقىش ھەم پائالىيەت بولىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر