باش بەت | ئەترەت كادىرلىرى مەكتىپى

كىچىك ئەترەتنى كۆپ خىللاشتۇرۇش

      ‹‹ئەترت نىزامنامىسى››دە كىچىك ئەترەت 13 – 5 كىچە ئادەمدىن تەشكىللىنىدۇ ۋە كىچىك ئەترەت باشلىقى، مۇئاۋىن كىچىك ئەترەت باشلىقى تەسىس قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. كىچىك ئەترەتنىڭ ئادەم سانى، قاتنىشىش دائىرىسى، شەكلى چەكلەنمەيدىغان بولغاچقا كىچىك ئەترەتنى ھەر خىل شەكىلدە قۇرۇپ چىقىشقا بولىدۇ.

      1. ئادەتتىكى كىچىك ئەترەت: مەكتەپلەردىكى ئوتتۇرا ئەترەتتە قۇرۇلىدىغان ئادەتتىكى كىچىك ئەترەت ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى ياكى دەرسخانىدا ئولتۇرۇش رېتىگە ئاساسەن بۆلۈنىدۇ، كىچىك ئەترەت پائالىيىتى ھەپتىدە بىر، ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ، پىيونېرلارنىڭ ئىختىيارىي قاتنىشىشى بولمايدۇ. شۇڭا، پىيونېرلارنىڭ خاسلىقى جارى قىلدۇرۇلمايدۇ.

      2. قىزىقىشىغا ئاساسەن تەشكىللەنگەن كىچىك ئەترەت: بۇ پىيونېرلارنىڭ قىزىقىشى، ھەۋىسىگە ئاساسەن ئىختىيارىي تەشكىللىنىدىغان كىچىك ئەترەتنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، گۈزەل سەنئەتكە قىزىقىدىغان پىيونېرلاردىن ئىختىيارىي تەشكىللىنىدىغان ‹‹رەڭدار نۇر›› كىچىك ئەترىتى، يېتىم، يالغۇز، ياشانغان كىشىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدىغان ئالاھىدە ‹‹ئىللىقلىق يەتكۈزۈش›› كىچىك ئەترىتى، سۈرەتكە تارتىشنى ياخشى كۆرىدىغانلاردىن تەشكىللىنىدىغان ‹‹ئوماق قوزىچاق›› كىچىك ئەترىتى قاتارلىقلار.

      3. ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان كىچىك ئەترەت: ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان پىيونېرلاردىن ئىختىيارىي تەشكىللىندىغان كىچىك ئەترەتنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، يېزىدىن يېڭى يۆتكىلىپ كەلگەن پىيونېرلارنىڭ ئىنگلىز تىلى نەتىجىسى ياخشى بولمىسا بىرقانچە پىيونېر ئۈزلۈكىدىن ‹‹ئىنگلىز تىلى دەرسى ئۆزئارا ياردەم بېرىش كىچىك ئەترىتى›› قۇرۇپ، ساۋاقدىشىنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بەرسە بولىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا مەخسۇس پىيونېرلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى يەتكۈزىدىغان ‹‹سىردىشىش خەت ساندۇقى›› كىچىك ئەترىتى قۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.

      4. مەھەللە كىچىك ئەترىتى: بىر بىنا، بىر مەھەللە ياكى بىر كوچىدىكى پىيونېرلار ئۈزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ قۇرۇلىدىغان كىچىك ئەترەتنى كۆرسىتىدۇ. پىيونېرلار مەھەللىنى پائالىيەت بازىسى قىلىپ مەھەللە قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ مۇلازىمەت قىلىدۇ.

      5. تەتىل، دەم ئېلىش كۈنىدىكى كىچىك ئەترەت: دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى بىرەر خىزمەتنى ئورۇنلاش ياكى بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىش ئۈچۈن ئىختىيارىي تەشكىللىندىغان كىچىك ئەترەت. مەسىلەن، ‹‹دەم ئېلىش كۈنىدە سۇ توشۇپ بېرىش›› كىچىك ئەترىتى قۇرۇپ دەم ئېلىش كۈنىدە نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرىغا سۇ ئاپىرىپ بېرىپ ھال سوراش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

      كىچىك ئەترەتنى يەنە باشقىچە شەكىلدە قۇرۇشقىمۇ بولىدۇ. جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ يېڭى كىچىك ئەترەتلەرنى قۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.

جاۋابكار مۇھەررىر: ئەكبەر

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر