باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

ئادەم مېڭىسى بىلەن كومپيۇتېرنى ئۇلايدىغان ئۈسكىنە كەشپ قىلىندى

      ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ئادەم مېڭىسى بىلەن كومپيۇتېرنى ئۇلايدىغان بىر خىل ئۈسكىنە كەشپ قىلغان. بۇ خىل ئۈسكىنە بىلەن ئادەم مېڭىسى ئارقىلىق كومپيۇتېرنى كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. كىشىلەر ھەتتا ئۆز مېڭىسىدىكى ئاڭ بويىچە كومپيۇتېر ئويۇنلىرىنى ئوينىيالايدىكەن ۋە كونترول قىلالايدىكەن. مەسىلەن: مائۇسنى كونترول قىلىش، كىچىك ئويۇنلارنى ئويناش، سۈرەتنىڭ يورۇقلۇقىنى تەڭشەش دېگەندەك. تەتقىقاتچىلار، بۇ ئۈسكىنە ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ مېڭىسىدىكى ئويى بويىچە كومپيۇتېر ئويۇنلىرى ئوينىيالايدىغانلىقىنى دېدى. بۇ پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا زور ئۈمىد ئېلىپ كەلگۈدەك.

      بۇ تېخنىكىنى كەشىپ قىلغان تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كالىفورنىيە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بولۇپ، ئۇلار 12 نەپەر مېڭە ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان بىمارنىڭ خالىشى بىلەن ئۇلاردا تەجرىبە ئېلىپ بارغان. تەتقىقاتچىلار ئۇلارنىڭ مېڭىسىغا نېرىپلارنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىدىغان سېنزور ئورناتقان. بۇ بىمارلار مەشقلەندۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇلار ئاڭلىق ھالدا ئۆز مېڭىسىدىكى نېرىپلارنى كونترول قىلىشنى سىناپ باققان، پەقەت ئۆز رايى بىلەنلا مېڭىدىكى مەلۇم بىر نېرىپنى ئىشلەتكەن ياكى ئىشلىتىشتىن توختاتقان. سېنزور بۇ سېگنالنى كومپيۇتېر بۇيرۇقىغا ئايلاندۇرۇپ بەرگەن.

      ئىگىلىنىشىچە، تەتقىقاتچىلار مېڭىنىڭ چېكە ياپراقچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىپ، بۇ مېڭە رايونىنىڭ مېڭىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە جايلىشىدىغانلىقىنى، ئىنسانلارنىڭ خاتېرىسى ۋە ھىسسىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلگەن. مېڭە ھەرىكىتىنى خاتېرىلىگەن ۋاقىتتا، بۇ تەجرىبىنى قوبۇل قىلغان بىمارلار كومپيۇتېردا 100 پارچە سۈرەتنى كۆرگەن، شۇنداقلا قايسى سۈرەتكە قىزىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ تەجرىبىنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىدى، مېڭىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە تۆت رايونىنى تېپىپ چىقىپ، ئاندىن، بۇ سەزگۈر رايونلار ئارقىلىق كومپيۇتېرنىڭ مائۇسىنى كونترول قىلىش، ئوخشاش بولمىغان رەسىملەرنىڭ يورۇقلىقىنى تەڭشەش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشكەن.

      ئەگەر بۇ تېخنىكا ئومۇملىشىپ قالسا، كاللىسىدا سىزىم بار، لېكىن ئەس ھوشىنى بىلمەيدىغان بىمارلارمۇ، كومپيۇتېر ئارقىلىق باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدىكەن.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان